6 ياش ئەتراپىدىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇققا نىسبەتەن ئېھتىياجى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، پەقەت ئادەتتىكىدەك نورمال تاماقلارنى ئىستېمال قىلدۇرۇشقا تايىنىپلا، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى بالىلارغا كۆپرەك بېرىش كېرەك. تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددا مول بولۇپ، بالىلارغا مۇۋاپىق مىقداردا بېرىشكە بولىدۇ.
بەزى ئاتا - ئانىلار چالا پىشقان تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنداق قاراش خاتا. ئەمەلىيەتتە، بالىلار بۇنداق تۇخۇمنى يېسە، پايدا قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا زىيان قىلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبى، ھەر 100 گىرام تۇخۇمنىڭ تەركىبىدە 14.7 گىرام ئاقسىل ۋە 11.6 گىرام ياغ بار. كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر ۋە ۋىتامىن قاتارلىق ماددىلارنىڭ مىقدارىمۇ خېلى يۇقىرى. لېكىن تۇخۇمدىكى ئاقسىل تەركىبىدە ئانتىبىئوتىك ئاقسىل ۋە ئانتىترىپسىن بار بولۇپ، بۇ ئىككى خىل ماددا ئاقسىلنىڭ ئادەم بەدىنىدە پارچىلىنىشى، ھەزىم بولۇشى ۋە قوبۇل قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭا بالىلارغا تۇخۇم بەرگەندە، ئالدى بىلەن ئۇلارنى پارچىلاپ بۇزۇپ تاشلاش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا تۇخۇمنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ. يۇقىرى تېمپېراتۇرا شارائىتىدا، بۇ ئىككى خىل ماددا پارچىلىنىدۇ، تۇخۇمنى چالا پىشۇرغاندا بۇ ماددىلار تەلتۆكۈس بۇزۇپ تاشلانمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن قىسمەن ئاقسىل ماددىلىرى بالىلارنىڭ تېنىدە ھەزىم بولماي ۋە قوبۇل قىلىنماي، مېتابولىزم جەريانىدا چىقىرىلىپ كېتىدۇ.
بۇندىن باشقا، تۇخۇم شەكىللىنىش جەريانىدا باكتېرىيەلەر مېكىياننىڭ تۇخۇمدېنىدىن بىۋاسىتە ھالدا تۇخۇمغا كىرىدۇ. تۇخۇمنى چالا پىشۇرغاندا، باكتېرىيەلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ بولالمايدۇ - دە، ئاسانلا كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. شۇڭا بالىلارغا چالا پىشقان تۇخۇمنى يېگۈزۈشكە بولمايدۇ.
ھازىر كىشىلەرنىڭ تۇخۇم ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى. ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۇخۇمنى خام ئىچىش، تۇخۇمنى چاققاندىن كېيىن قايناق سۇ قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپلا ئىچىۋېلىش قاتارلىق ئىستېمال قىلىش ئۇسۇللىرى كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا زىيانلىقكەن. چۈنكى تۇخۇمنىڭ تەركىبىدىكى بىئوتىن ئادەم تېنىگە زىيانلىق بولۇپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىستېمال قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللانغاندا، بىئوتىننى بۇزۇپ تاشلىغىلى بولمايدىكەن. بەزى كىشىلەرنىڭ پەقەت تۇخۇم ئېقى ياكى سېرىقىنىلا ئىستېمال قىلىشىمۇ ئانچە مۇۋاپىق ئەمەسكەن.
ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچىدىكى بالىلارغا تۇخۇمنى قانداق پىشۇرۇپ بېرىش كېرەك؟ يېشىغا توشمىغان بوۋاقلارغا دۈملەپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم ئۇيۇتمىسى ياكى تۇخۇم - پالەك شورپىسى بېرىش كېرەك. بۇنداق ئۇسۇللاردا تۇخۇم پىشۇرغاندا، تۇخۇم تەركىبىدىكى ئاقسىل بوشاپ، بالىلار ئوڭاي ھەزىم قىلالايدۇ ۋە قوبۇل قىلالايدۇ؛ بىر ياشتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بالىلارغا تۇخۇمنى سۇدا پىشۇرۇپ بەرسە مۇۋاپىق بولىدۇ؛ ئىككى ياشتىن ئاشقان بالىلارغا قورۇغان تۇخۇمنى بېرىشكە بولىدۇ. تۇخۇم ئۇيۇتمىسىنى دۈملەپ پىشۇرغاندا ياكى تۇخۇمنى قورۇپ پىشۇرغاندا، ئۆز خاھىشى بويىچە كۈدە، كۆك قىزىلمۇچ، قۇرۇتۇلغان راك قاتارلىقلارنى قوشۇشقا بولىدۇ.
تۇخۇمنى سۇدا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، ئەڭ ياخشىسى يۇمشاقراق پىشۇرۇش كېرەك، يەنى سۇ قاينىغاندىن كېيىن 6-5 مىنۇت پىشۇرۇش كېرەك. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا تۇخۇم سېرىقى يېڭىلا قېتىشقان بولۇپ، ئادەم تېنى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. تۇخۇمنى پىشۇرۇش ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن بولسا، تۇخۇم سېرىقىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار بەكلا قېتىشىپ، ئادەم تېنى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى قىيىنلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى، سۇدا پىشۇرغان تۇخۇمنى ئىستېمال قىلغاندا ياخشى چايناپ ئاستا يۇتۇش كېرەك، بولمىسا ھەزىم قىلىنىشى ۋە ئادەم تېنىگە قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ.
ئەڭ يېڭى ئىلمىي تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، چالا پىشقان تۇخۇم قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىكەن، لېكىن ئامالنىڭ بېرىچە يېڭى تۇخۇمنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەككەن. بۇندىن باشقا، يەنە ياشانغانلار مايدا قورۇلغان تۇخۇمنى ئىمكان بار ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەككەن
ھەمبەھىرلىنىڭ