كالتسىي كەملىك كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن

0 2012-07-10 11:47:24   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      بەزى كىشىلەر ئوڭايلا بىئارام بولۇپ تېرىككەك كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ كەيپىيات ئۆزگىرىشى خېلىلا چوڭ بولۇپ، كەيپىيات ئامىلىنىڭلا تەسىرى دېيىشكە بولمايدۇ، يەنە ئادەم تېنىدىكى كالتسىي كەملىك بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. كالتسىي سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىدە زۆرۈر بولغان ماددا بولۇپلا قالماستىن، يەنە نېرۋا ھۈجەيرىلىرى يوللىغان ئۇچۇرنى توغرا يەتكۈزۈش فۇنكسىيەسىگىمۇ ئىگە. ئادەم تېنىدە كالتسىي كەملىك كۆرۈلسە، نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۇ فۇنكسىيەسى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. بۇنداق چاغدا كالتسىي تولۇقلىسا، كېسەللىك ئالامىتى ياخشىلىنىدۇ. كالتسىي نېرۋا سىستېمىسىنى تۇراقلاشتۇرىدىغان تەبىئىي دورا ھېسابلىنىدۇ. تەجرىبىلەردە ئىسپاتلىنىشىچە، كۈنبويى ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغان، ئاپتاپقا قاقلىنىش پۇرسىتى ئاز بولغان، ۋىتامىن D كەملەپ كېتىش تۈپەيلىدىن كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تەسىر يېتىدىغان كىشىلەر توپى دېڭىز بېلىقى، توخۇ جىگىرى قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن D مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەككەن. ياشانغانلار، بولۇپمۇ ھەيز توختاش مەزگىلىدىن ئۆتكەن ياشانغان ئاياللاردا كالتسىي كەم بولسا كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىش ۋە ھەمىشە ئىچى تىتىلداش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئىككى خىل كىشىلەر توپى تەركىبىدە كالتسىي مىقدارى يۇقىرى بولغان كالا سۈتى، قېتىق، قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.
      كالتسىينىڭ كەيپىياتنى تىنچلاندۇرۇش رولى بار بولۇپ، زەربە بېرىش ۋە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مىجەزى چۇس كىشىلەر كالا سۈتى، قېتىق، ئىرىمچىك قاتارلىق تەركىبىدە كالتسىي بار بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق كەيپىياتىنى ياخشىلىشى كېرەك. كالتسىي تولۇقلاشتىن باشقا، يەنە تۇرۇپنى مۇۋاپىق ھالدا ئىستېمال قىلىش ئارقىلىقمۇ كەيپىياتنى تەڭشەپ ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇ چارە روھى چۈشكۈن، ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەن، بەلغەم ھاسىل بولغۇچىلارغا قارىتا ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. پىۋىمۇ كەيپىياتنى تەڭشەپ ئىشتەينى ئاچىدۇ، كۆڭۈلسىز كەيپىياتنى ئوڭشايدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە پايدىسى بولىدۇ. يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئادەم مەلۇم بېسىمغا يولۇققاندا، كىچىك تەرىتى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدىغان كالتسىينىڭ مىقدارىمۇ ئېشىپ بارىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر