خەلق تورى 20-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى. دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىسمايىل تىلىۋالدى 19-ئىيۇن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، ۋەلىئەھدى نائىفنىڭ نامىزىغا قاتناشتى.