ئارگېنتىنا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ئېلان قىلدى

0 2011-12-31 12:53:40   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى كىرىستىنا 28-دېكابىر تېررورلۇق جىنايىتىگە زەربە بېرىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا قول قويدى.

   تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى بويىچە، ئەگەر جىنايەت گۇماندارى خەلقنى ۋەھىمىگە سېلىش جىنايى پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانسا، ئۇنىڭ جازا مۇددىتى ئەسلىدىكى جازا قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن ئىككى ھەسسە ئېغىرلاشتۇرۇلىدۇ، بۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

   تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا ئاساسەن، ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتى ۋە ساقچى دائىرىلىرى تېررورزمغا زەربە بېرىش جەريانىدا، جىنايەت گۇماندارلىرى ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن بارلىق خەلق ئىشلىرى ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولماسلىقى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىدا يەنە پۇل يۇيۇش شۇنداقلا تېررورىزم ھەرىكەتلىرىگە مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىشتەك جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش كۈچى زورايتىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博