كىنودىكى چەكلەنگەن مەزمۇن ئوندىن 13كە كۆپەيتىلدى

02011-12-19 11:01:23   خەلق تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
       مۇخبىرنىڭ 15-دېكابىر ئىگىلىشىچە، گوۋۇيۈەن قانۇن ئىجرا قىلىش ئىشخانىسى 15- دېكابىر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كىنوچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قانۇنۇ(پىكىر ئىلىش لايىھەسى)نى ئېلان قىلغان. بۇ لايىھە كىنونىڭ دەرىجىگە بولۈنىشىگە چېتىلمايدۇ. پىكىر ئىلىش لايىھەسىدە كىنودا ئېغۋاگەرچىلىككە قۇتراتقۇلىق قىلىش ياكى ئاساسىي قانۇن، قانۇن، مەمۇرىيەت قانۇنىغا خىلاپ 13 مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالسا بولمايدۇ.

  مۇخبىر «پىكىر ئىلىش لايىھەسى» بىلەن 2002-يىلى 2-ئايدا يولغا قۇيۇلغان «كىنو باشقۇرۇش نىزامى»نى سېلىشتۇرۇپ ئىگىلىشىچە، كىنونىڭ چەكلەنگەن مەزمۇنى ئوندىن 13كە كۆپەيتىلگەن. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن چەكلەنگەن مەزمۇنلار: كىنودا ئېغۋاگەرچىلىككە قۇتراتقۇلىق قىلىش ياكى ئاساسىي قانۇنغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، قانۇن، مەمۇرىيەت قانۇنىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش؛ دىننىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىپ قىلىش، دىننىي ئىناقلىققا تەسىر يەتكۈزۈش، دىنغا ئىشىنىدىغان پۇقرالارنىڭ دىننىي ھېسسىياتىغا تەسىر كۆرسىتىش؛ زەھەر چېكىشنى، تېرورىزمنى تەرغىپ قىلىش، تېرورلۇقنى مۇبالىغا قىلىپ كۆرسىتىش؛ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىنى تارقىتىش؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىغا ۋە ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش قاتارلىقلار.

  ئىگىلىنىشىچە، كىنولارنى دەرىجىگە ئايرىش خەلقئارالىق ئادەت بولۇپ، دۆلىتىمىز كىنو قانۇنى ئىزچىل تۈردە بۇنىڭغا نىسبەتەن چوڭقۇر تەتقىق قىلماقتا. بۇ قېتىملىق ئاشكارا پىكىر ئېلىش لايىھەسى بۇ تۈردىكى مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋەسىز بولۇپ، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدۇكى ئېلىمىز كىنو بازىرىنى دەرىجگە ئايرىمايدۇ.