توخۇ يالغان ۋاباسى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش تەدبىرلىرى

0 2011-12-14 11:54:16   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
  توخۇ يالغان ۋاباسى ۋىرۇسلار كەلتۈرۈپ چىقىرىرىدىغان، تېز يۇقىدىغان ئۆتكۈر قان چىرىش خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، توخۇلارنى ئۆلتۈرۈش نىسبىتى %100 كە يېتىدۇ. ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى نەپەس قىيىنلىشىش، ئىچى سۈرۈش، نېرۋا فۇنكسىيەسى قالايمىقانلىشىش، شىللىق پەردە ۋە سپروزلۇق پەردە قاناش، تەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ33-34 قا چىقىش، دائىم غىقىلداپ تۇرۇش، ئاغزىدىن سېسىق شالى ئېقىشتىن ئىبارەت. ۋاكسىنا ئىشلىتىش كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ.
      نۆۋەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاجىز توكسىنلىق ۋاكسىنىلارⅠ،Ⅱ،Ⅲ،Ⅳ نەۋئىلىك بولۇپ، Ⅰ نەۋئىلىك ۋاكسىنا ئىككى ئايلىقتىن يۇقىرى توخۇلارغا ئىشلىتىلىدۇ.Ⅱ،Ⅲ،Ⅳنەۋئىلىك ۋاكسىنا بولسا چۈجىلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. توخۇ توپىدا كېسەللىك كۆرۈلگەندە، كىلىنىكىلىق ئالامىتى يوق توخۇلارغا Ⅰ نەۋئىلىك ۋاكسىنا كېسەللىكنىڭ جىددىي ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر