قىشلاش مەنبەسىنى يوقىتىش: شىنجاڭ كۆممىقوناق كېپىنىكى لىچىنكىسى ئاساسلىقى قوناق شېخىدا قىشلايدۇ، باشقا خوجىسى بىرقەدەر ئاز. شۇڭا، قوناق شېخىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، قىشتىن ئۆتكەن لىچىنكىسىنى يوقىتىپ، ھاشارات مەنبەسىنى ئازايتىش كۆممىقوناق كېپىنىكىنىڭ ئېتىزلىقتا پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ياخشى ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. قوناق شېخىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى كۆپ بولۇپ، سىلوسلاش، ئاممىياكلاش، ئۇۋاقلاش، ئوغۇت ئېچىتىش، كۆيدۈرۈش، ئېزىش قاتارلىق ئۇسۇللار بار. بۇنىڭ ئىچىدە سىلوسلانغان، ئاممىياكلانغان، ئۇۋاقلانغان كۆممىقوناق شېخى چارۋىلارنىڭ ياخشى يەم - خەشىكى ھېسابلىنىدۇ. قوناق شېخىنى 5 - ئايدىن ئىلگىرى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇش كېرەك.
يېتىلگەن ھاشاراتنى ئالداپ يوقىتىش: كېپىنەك چىققان مەزگىلدە خىرە چىراغ نۇرىدا ئالداپ تۇتۇپ يوقاتسا، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
بىيولوگىيەلىك ئۇسۇلدا ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش: قىزىلكۆز ھەرىنى ئېتىزلىققا قويىۋېتىش ئارقىلىق كۆممىقوناق كېپىنىكى تۇخۇمىنى يوقاتقىلى بولىدۇ. يەنە، ئاق قاتۇرغۇچى زەمبۇرۇغ ۋە سۈرىگېن تاياقچە باكتېرىيىسى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل پارازىت باكتېرىيەنىڭ ئۈنۈمى خىمىيەلىك دورىغا قارىغاندا ئاستا، شۇڭا بالدۇرراق ئىشلىتىش كېرەك.
دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىش: دانچە دورا چىچىش، كۆممىقوناق كانىيىغا دورا ئېرىتمىسى قۇيۇش ۋە دورا ئېرىتمىسى پۈركۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئالدىنى ئېلىپ، يوقاتسا بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ