چاناش ۋە ئوتاش: ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى چوڭقۇرراق چاناپ، توپا يۆلەش، بۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ ئوتاش كېرەك. بۇ يىلتىزنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، تۈپلەر ئاسان يېتىۋالمايدۇ.
شېخىنى رەتلەش: تۈپلەردە 2-1 تال غوزا شېخى چىققاندا باشقا يوپۇرماق شاخلىرىنى ئېلىۋېتىپ ئوزۇقلۇقنىڭ خورىشىنى ئازايتىش كېرەك. بۇنىڭدا شامال، نۇر ئۆتۈشىشىنى ياخشىلاپ، غوزا شېخىنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەپ، غوزا تۆكۈلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مايسا شالاڭ يەرلەردە ياكى ئېتىزنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى تۈپلەردە ئەھۋالغا قاراپ بىر قىسىم يوپۇرماق شاخلىرىنى قالدۇرسىمۇ بولىدۇ.
ئوغۇتلاش: تۈپلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى، تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى، كىلىمات، ئوغۇت تۈرى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئوغۇت مىقدارىنى بەلگىلەش كېرەك، يەنى مۇھىتقا، يەرگە، مايسىغا قاراپ ئوغۇتلاش كېرەك. تۈپلەردە 2-1 تال غوزا شېخى بولغاندا، چاناشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆسۈشى نورمال يەرلەرگە ھەر موغا gk60~50 كۈنجۈرە، gk20 كالتسىي سوفېر فوسفات، gk10 كالىي خلورىدنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، چۆنەك ئېچىپ كۆمۈپ ئوغۇتلىسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەر مو يەرگە 25 مېپكۇئات خلورىد ياكى بوغۇم قىسقارتقۇچ ئامىننىدىن g 1.5~1 ئالدى بىلەن ئىسپىرتتا ئېرىتىپ، ئاندىن gk30 سۇدا تەڭشەپ پۈركۈسە بولىدۇ.
كېسەل ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - يوقىتىش
غوزا مەزگىلىدە ئاساسلىقى غوزا قۇرتى، قىزىل غوزا قۇرتى، قارىغۇ چىرپاشكا، كۆكپىت، قىزىل ئۆمۈچۈك قاتارلىقلار زىيان سالىدۇ. قىزىل ئۆمۈچۈكنى %15 لىك ساۋمەنجىڭنىڭ 2000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى بىلەن، كۆكپىتنى %10 لىك ياشىجىڭنىڭ 2000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى بىلەن، باشقا ھاشاراتلارنى %40 لىك خلورپىرىفوس ياكى %20 لىك بەيچوڭبانىڭ 1500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى بىلەن يوقاتسا بولىدۇ، ۋاقتىدا كونترول قىلغان ياخشى. سولىشىپ قۇرۇش كېسىلى بىلەن يۇقۇملانسا، ئېغىر كېسەل تەگكەن تۈپلەرنى يۇلىۋېتىش كېرەك. يېنىكرەك تەگكەنلىرىنىڭ ئوغۇت، سۈيىنى كۈچەيتىپ، كېسەل تەگكەن يوپۇرماقلارنى پۇتىۋېتىش، گەندە ۋە سۈيدۈك بىلەن ئوغۇتلاش، فوسفور ۋە كالىي ئوغۇتى قوشۇپ بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ