بەزى شوپۇرلار ماي ۋە ئاككۇمۇلياتور توكىنى تېجەش ئۈچۈن تىراكتورنى يانتو يەردە توختىتىپ قويۇپ سىيرىلدۈرۈپ ئوت ئالدۇرىدۇ. بۇنداق ئوت ئالدۇرۇش خاتا. ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك زىيانلىق تەرەپلىرى بار:
1. تىراكتورنى يانتۇ يەردە توختىتىپ قويغاندا، ئەگەر ھەيدەشنى بىلمەيدىغان كىشى ياكى بالىلار تىراكتورغا چېقىلىپ قالسا، كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. دېمەك تىراكتورنى يانتۇلۇققا توختىتىپ قويۇش ئىنتايىن خەتەرلىك.
2. تىراكتورنىڭ يانتۇ يەردىن سىيرىلىپ چۈشۈش سۈرئىتى تېز، ئېنېرتسىيەسى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا مۇفتىنى قوشسا، مۇئەييەن سۈرئەتتىكى خوتقا چۈشىدۇ - دە، تىراكتور قاتتىق سىلكىنىدۇ. نەتىجىدە، سۈركىلىش پىلاستىنكىسى، ئەگەشكۈچى دىسكا قاتارلىق ھەرىكەت ئۇزىتىش زاپچاسلىرىنىڭ ئۇپرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.
3. تىراكتورنى يانتۇ يەردىن سىيرىلدۈرۈپ ئوت ئالدۇرغاندا، موتور ئالدىن قىزىتىش باسقۇچىدىن ئۆتمەيلا تۇيۇقسىز يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئايلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاپتول سىلىقلىنىدىغان ھەرقايسى ھەرىكەت ئۇزىتىش زاپچاسلىرىنىڭ يۈزىگە ۋاقتىدا يېتىپ بارالماي، زاپچاسلارنىڭ ئۇپرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.
4. تىراكتورنى يانتۇ يەردىن سىيرىلدۈرگەندە، موتور ئوت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى جىددىي تورمۇزلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا يۈرۈش قىسمىدىكى زاپچاسلار ئاسان ئۇپرايدۇ.
شۇڭا، تىراكتورنى ئوت ئالدۇرۇش قىيىن بولغاندا، سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، كاشىلىلارنى ئوڭشاپ، ئوت ئالدۇرۇش مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە ئوت ئالدۇرۇش كېرەك. ھەرگىز يانتۇ يەردىن سىيرىلدۈرۈپ ئوت ئالدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىق كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ