[كانادا «يەر شارى پوچتىسى» گېىتىنىڭ 3-دېكابىر ماقالىسى] ماۋزۇسى: جۇڭگو دۇنيانى قۇتقۇالمايدۇ (ئاپتورى: ماركۇس ج)
جۇڭگونىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق دەرىجىدە باش كۆتۈرۈشى بىزنى جۇڭگونىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا قارىتا مەۇلم دەرىجىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەسىرى بار، دىگەنگە چوڭقۇر ئىشەندۈرىدۇ. ئەمەلىيەت دەرۋەقە ئۇنداق ئەمەس. جۇڭگونىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە ھەپتىدە ياكى بىرقانچە قوللىنىدىغان ھەرىكىتىنىڭ دىققەت قوغايدىغانلىقى شۈبھىسىز. جۇڭگو مۆجىزىسى ئاخىرلىشامدۇ-قانداق؟ جۇڭگو رەھبەرلىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كرىزىس جەريانىدا ئىقتىسادىي تۈۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلامدۇ-قانداق؟
جۇڭگونىڭ بىز ھەممىمىزنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى قۇتۇلدۇرغىدەك ئىقتىدارى يوق.
ئالدى بىلەن، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە تايىنىش دەرىجىسى باشقا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا تايىنىش دەرىجىسىدىن ور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى. دۇرۇس، جۇڭگو ھازىر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ۋاھالەنكى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى دۇنيا ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ %6 نى ئىگىلەيدۇ، بۇ 10، 20 يىل ئىلگىرىكىدىن ور دەرىجىدە ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي سومما جەھەتتە ئىگىلەيدىغان سالمىقى يەنىلا ئىنتايىن ئاز. دۇرۇس، جۇڭگونىڭ غايەت كۆپ مەبلىغى بار. ئېكىسپورت تېز ئېشىۋاتقانلىقتىن، جۇڭگونىڭ تاشقى پېرېۋوت اپىسى 2 تىرلىيون دوللارغا يەتتى. لېكىن بۇ مەبلەغلەر ئامېرىكا زايومى شەكلىدە گەۋدىلەندى، بۇنىڭ بىزگە نىسبەتەن ئانچە كۆپ پايدىسى يوق.
ئەلۋەتتە، جۇڭگو تېزلا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ماكرولۇق پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن ئۆتكەن ئايدا لاھىيە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كىشىلەر بۇنى تەپسىلى پىلان دىگەندىن كۆرە، چالا يول خەرىتىسى دېيىش كېرەكلىكىنى بايقىدى. نۇرغۇن چىقىم تۈرلىرى ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان مەمۇنلاردۇر. بۇنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىدىغان بولساق، تەھلىلچىلەر مەزكۇر لايىھەنىڭ تەسىرىدىن ئۈمىت كۈتۈش دەرىجىسىنى تەدرىجى تۆۋەنلەتتى. ئۇلار يەنە مەكۇر لايىھەنىڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتىگە تۈرتكە بولۇش مۆلچەر سانىنىمۇ تۆۋەنلەتتى.
جۇڭگو ئىقتىسادىي ئېشىش توغرىسىدىكى مۆلچەر ساننىڭ تەدرىجى تۆۋەنلىتىلگەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، مەزكۇر لايىھەنىڭ دۇنيانى قۇتقۇزۇش ئەمەس، ھەتتا جۇڭگونى قۇتقۇزۇۋېلىشىدىمۇ مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتى بۇلتۇرقى %11.9 تىن بۇ يىلنىڭ 3-پەسلىدىكى %9 كە تۆۋەنلىتىلدى. كانادا تورونتو ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسى لولۇن برانت بىر ئاي داۋاملاشقان جۇڭگو سەپىرىنى يېڭىلا ئاياغلاشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: دەسلەپتە جۇڭگوغا بارغىنىمدا نۇرغۇن كارخانىلار ئېشىش نىسبىتى %8 كە چۈشۈپ قالىدۇ، دېيىشكەن ئىدى. مەن جۇڭگودىن كېتىدىغان ۋاقىتتا بۇ سان %5 كە چۈشۈپ قالدى.
ئېكىسپورتنىڭ ئېشىشى ئاستىلاپلا قالماستىن، جۇڭگوغا كىرىدىغان چەت ئەل مەبلىغىمۇ ئازىيىۋاتىدۇ. برانت مۇنداق دېدى: ئامېرىكىدا پۇل مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ تەسىرى ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادىغىچە كېڭەيدى. جۇڭگونىڭ ئەھۋالى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇشى مۇمكىن. كارخانىلار بانكىدىن ئالغان قەرزنى تۆلەشنى كېچىكتۈرگەنلىكتىن، ئېكىسپورت ۋە ياساش كارخانىلىرىنىڭ چېكىنىش مۇمكىنچىلىكى بانكا سېستىمىسىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى.
بۇ ھەرگىزمۇ جۇڭگونىڭ شۇم تەغدىرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ بىشارىتى، دىگەنلىك ئەمەس. مەلۇم جەھەتلەردىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ ئەھۋالى باشقا نۇرغۇن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭكىدىن ياخشىراق. جۇڭگونىڭ مالىيە ئۈستۈنلۈكى چىقىمنى ھە دەپ كۆپەيتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ قايتا گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولالايدۇ. ھاىرغىچە، جۇڭگودىكى بانكىلارنىڭ ئەھۋالى نىسبەتەن مۇقىم بولىۋاتىدۇ. دۇنيا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى جۇڭگونىڭ زېھنىنى مەبلەغ سېلىشتىن ئىستىمال قىلىشقا بۇراپ، بۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋاقىت كېتىدۇ. ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سېستىمىسىنى باشتىن باشلاپ بەرپا قىلىش بىرقانچە يىل ھەتتا نەچچە ئون يىل ۋاقىت كېتىدىغان ۋەزىپە. قورقۇنۇچلۇق ئىقتىسادىي چېكىنىش جەريانىدا كىشىلەرنى كۆپرەك پۇل خەجلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش سەل تەسرەك، شۇڭا بۇنىڭغىمۇ بىرقانچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ. قىسقا مۇددەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پۈتۈن دۇنيا جۇڭگونىڭ ئۆىنىڭ ئىقتىسادىي ئاپەتكە يولۇقماسلىقىدىن ئۈمىت كۈتۈشى كېرەك. ئەگەر جۇڭگودىن باشقا بارلىق دۆلەتلەرنى قۇتقۇۋېلىشتىن ئۈمىت كۈتۈلسە، بۇ تەلەپ بەكلا ئاشۇرۋەتكەنلىك بولۇشى مۇمكىن.