مۇخبىرنىڭ شېنجېن شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسى يول باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ، 1–دېكابىر، گۇاڭجۇ-شېنجېن-شياڭگاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ZH-4 بۆلىكى 5- ئىش رايونىدا گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 2-دېكابىرغىچە ، ئىككى ئادەم قازا قىلىپ ، ئۈچ ئادەم ئېغىر يارىلانغان. قىسمەن يېنىك يارىلانغانلار دوختۇرخانىدىن چىققان ، يېنىك يارىلانغانلارنىڭ سانى ئىستاتىستىكا قىلىنىۋېتىپتۇ ، نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.
شېنجېن شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسى يول باشقۇرۇش ئىشخانىسى مەسئۇل خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن ئىش ئورنى شېنجېن شەھىرى فۇتيەن رايونى خۇاڭگاڭ باغچىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، گۇاڭجۇ–شېنجېن-شياڭگاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ تونېل قۇرۇلۇشى ئىشئورنى ئىكەن . بۇ يەردە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا، پولات چىۋىق تورى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ ، نەق مەيداندا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار قازا قىلغان ۋە يارىلانغان . ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن يارىدارلار دەرھال فۇتيەن خەلق دوختۇرخانىسى ۋە بېيدا دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان.
شېنجېن شەھەرلىك تۆمۈريول ئىدارىسى يول باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شېنجېن شەھەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى ، يول باشقۇرۇش ئىشخانىسى ۋە فۇتيەن رايونلۇق ھۆكۈمەت نەق مەيدانغا ئادەم ئەۋەتىپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان ھەمدە ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان.
جۇڭگو تۆمۈريول 15–ئىدارىسىگۇاڭجۇ–شېنجېن-شياڭگاڭ يولۇچى توشۇش مەخسۇس لىنىيەسى 6–ئىش ئورنى ئىشخانىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، گۇاڭجۇ–شېنجېن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى تۈرى گۇاڭجۇ، شېنجېن، شياڭگاڭغا تۇتىشىدىغان تېز سۈرئەتلىك يولۇچى توشۇش مەخسۇس لىنىيەسى بولۇپ ، گۇاڭجۇ جەنۇبىي ۋوگزالدىن باشلىنىپ ، دوڭۋەن ، خۇ مېن، شېنجېن يېڭى شىمالىي ۋوگزالى، فۇتيەن ئارقىلىق شياڭگاڭ شىجيۇلوڭغا يېتىپ بارىدىكەن، قاتناش باشلانغاندىن كېيىن ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن شياڭگاڭنىڭ ئالاقىسى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن. جۇڭگو تۆمۈريول 15- ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شېنجېن يېڭى شىمالىي ۋوگزالىدىن شياڭگاڭ مىپۇغىچە بولغان بۆلەكنىڭ قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
بۇ يىل 3–ئايدىن بۇيان ، گۇاڭجۇ-شېنجېن-شياڭگاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تۈرىدە ئۇدا نەچچەقېتىم گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.بۇنىڭ ئىچىدە شېنجېن فۇتيەن رايونىغا جايلاشقان جوڭكاڭ رايونىنىڭ تونىل قۇرۇلۇشى ئىش ئورنىدا بۇرۇن نەچچە قېتىم ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئەتراپتىكى نۇرغۇن بىنالاردىكى ئاھالىلەر تارقاقلاشتۇرۇلغان، بەخىتكە يارىشا ئۆلۈش–يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن . قۇرۇلۇش تارماقلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ گېئولوگىيەلىك شارائىتى ئالاھىدە، يەر تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ ئىكەن.