18ئاي ئىچىدە 1518نەپەر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى ئەنگىلىيە چېگرىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى

0 2011-12-05 11:55:19   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    ئەنگىلىيە‹‹جۇڭگولۇق سودىگەرلەر گېزىتى››نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئەنگىلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن ئىگىلىشىچە،2010-يىلى1-ئايدىن 2011-يىلى 6-ئايغىچە بولغان 18ئاي ئىچىدە،1518نەپەر جۇڭگولۇق چەتئەلدا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى ئەنگىلىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن چېگرىدىن قوغلىنىپ جۇڭگوغا قايتۇرۇلغان.

    مۇخبىرنىڭ ئىگەللىشىچە،جۇڭگوغا قايتۇرۋېتىلگەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا،يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ۋىزىسىنىڭ ۋاقتى توشۇپ، ۋاقتىنى ئۇزارتىپ بېرىش رەت قىلىنغاندىن كېيىن،ئەنگىلىيىدە قانۇنسىز كۆچمەنگە ئايلىنىپ قالغان.ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئەنگىلىيىگە كەلگىلى كۆپ يىل بولغان بولۇپ،بەزىلىرى بىر -ئىككى قېتىم ۋىزىسىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغان.يېقىنقى 2-3يىلدىن بۇيان ئەنگىلىيىنىڭ ۋىزا بېجىرىش سىياسىتى چىڭىتىلغاچقا ،ۋىزىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش بارغانسىرى كېيىنلىشىپ كەتكەن.بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋىزىسى ئۇزارتىپ بېرىلمىگەندىن كېيىن،ئاشخانىدا ياكى سىرتلاردا قارا ئىش قىلغان بولۇپ،كېيىن چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكىلەر تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قالغان.

   ئېيتىلىشىچە،ھازىرغىچە بىرەرمۇ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنىڭ قانۇنسىز كۆچمەن دەپ تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن پاناھلىق بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپ تەستىقلاشقا ئېرىشكىنى يوق  ئىكەن.مۇخبىر يەنە دىققەت قىلىپ،قايتۇرۋېتىلگەن  جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ  بەزىلىرى ئايروپىلاندىن چۈشۈپ ئەنگىلىيە چېگرىسىغا كىرىشىگىلا رەت قىلىنىپ،ئەسلىدىكى ئايروپىلاندا جۇڭگوغا قايتۇرۋېتىلگەنلىكىنى بايقىغان.چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېلىۋالغىنى ساختا مەكتەپلەرنىڭ ئىسپاتى ئىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博