ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى:‹‹ئەڭ يامان ھالەت››كە بارمىغۇچە ئىرانغا قورال ئىشلەتمەيمىز

0 2011-12-05 11:51:54   جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   گەرچە ئىرانغا يۈرگۈزىلىۋاتقان كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان  بولسىمۇ ،ئەمما ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانىتا 2-چسلا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ،كۈتۈلمىگەن قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن ،ئەڭ يامان ھالەتكە بارمىغۇچى ئىرانغا قورال ئىشلىتەلمەيمىز دېگەن.

   پانىتا شۇ كۈنى كەچتە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان ئامېرىكا -ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى مۇنبىرى‹‹سابان مۇنبىرى››دە نۇتۇق سۆزلىگەن چېغىدا،ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىشىپ،ئىراننىڭ ياۋرو مەسىلىسىنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىشى نەق مەيداندىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.

   پانىتا سۆزلەپ،ناۋادا ئىران يادرو قورالىغا ئىگە بولۇپلا قالسا ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى بىلەن گۈللىنىنىش ۋەزىيىتى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كېلىدۇ،ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىن توسۇش ئۈچۈن،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەربىي ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئىرانغا زەربە بېرىشتەك ھېچقانداق تاللاشتىن ۋاز كەچمەيدۇ دېدى.

   ئەمما ئۇ تەكىتلەپ،ھەربىي زەربە بېرىش پەقەتلا ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى بىر ئىككى يىل كەينىگە سۈرەلەيدۇ،ھەمدە كىشى ئويلاپ باقمىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن،مەسىلەن بۇ ئىراننىڭ  تېخىمۇ كۆپ ياردەمگە ئېرىشىشى،ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى بازىسىنىڭ ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئامېرىكىنىڭ ئەسلىدىنلا ئاستا بولۇۋاتقان ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن دېدى.

   ‹‹بىز چوقۇم مۇشۇ بىز ئويلاپ باقمىغان ئاقىۋەتلەردىن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك.....قورال ئىشلىتىش ئەڭ ئاخىرقى ۋاستە ئەڭ يامان ئەھۋالدا ئاندىن قوللىنىش كېرەك››دېدى پانىتا ھازىرقى نۆۋەتتە ئامېرىكا ياكى ئىسرائىلىيىنىڭ ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلامدۇ يوق دىگەن مەسىلە ئۈستىدە توختىتلىپ.

   بۇ يىل 11-ئاينىڭ بېشىدا خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى باش ئورگىنى ئىراننىڭ يادرو ئوقبېشى ياساشنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ،ئىران يادرو مەسىلىسى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى.11-ئاينىڭ ئاخىرىدا ،ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە قول تۇتۇشۇپ ئىرانغا يەنە بىر نۆۋەتلىك پۇل-مۇئامىلە ۋە ئېنىرگىيە جازاسى يۈرگۈزگەندىن كېيىن ،ئىراننىڭ پوزىتسىيىسى قاتتىقلاشتى ، 11-ئاينىڭ 29-كۈنى پايتەخت تېھراندا نەچچە مىڭلىغان ئامما ئەنگىلىيىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېين،ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى.

   ئەلچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ئىنكاس قايتۇرۇش سۈپىتىدە،ئەنگىلىيە ئىراننىڭ ئەنگىلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ئىراندا ئەلچىخانا تەسسىس قىلمىغان ئامېرىكا ئىراننى قاتتىق ئەيىپلىدى،ئامېرىكا پارلامېنتىمۇ يېڭى بىر تۈرلۈك ئىراننى جازالاش قارارىنى ماقۇللاپ،چەتئەل پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئىراننىڭ مەركىزى بانكىسى بىلەن ھەر قانداق نېفىت مەسھۇلاتىغا چېتىشلىق بېرىش-كېلىش قىلىشىنى چەكلەشنى،ئۇنداق بولمىغاندا بۇ پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۈلىكىنى توڭلىتىشنى قارار قىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博