فېلىپپىننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئارويۆنىڭ ئادۋوكاتى 25-نويابىر مانىلاپاسەي رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدىن ئارويۆنى ئۆيىدە نەزەربەنت قىلىشنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئارايۆنىڭ دوختۇرى سوتتا ئىسپات بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئارويۆنىڭ كېسىلىدە ياخشىلىنىش بولدى، ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدۇ. ئارقىدىن، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى سوت مەھكىمىسىگە يۇقارقى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. فېلىپپىن دۆلەت سايلام كومىتېتى 18-نويابىر ئارويۆ قاتارلىق كىشىلەرنى 2007-يىلىدىكى سايلامدا، سايلام نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، دەپ شىكايەت قىلدى. ئارايۆ شۇ كۈنى كەچتە مانىلاشېڭلۇكا داۋالاش مەركىزىدە قولغا ئېلىندى ھەمدە بالېنىستا نەزەربەنت قىلىندى.
ھەمبەھىرلىنىڭ