چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ،ئامېرىكىنىڭ بىر ‹‹تىنچ ئوكيان چوڭ دۆلىتى››ئىكەنلىكىنى،ھەمدە ‹‹مۇشۇ يەرنى چىڭ ساقلايدىغانلىقىنى›› ئېيتىپ،ئۆزىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە ۋەدە بەرگەن.
ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ئوباما تۇغۇلغان ھاۋايدا ئېچىلغان بولۇپ ،ئوباما سودا ساھەسىدىكى ھەر قايسى چوڭ شىركەتلەرنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى يىغىنىدا سۆزلەپ:«ئامېرىكا بىر تىنچ ئوكيان چوڭ دۆلىتى،بۇ رايوننى چىڭ ساقلايدۇ»دېگەن.
باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا،ئوباما شۇ كۈنى يەنە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىشتا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ،ئامېرىكا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى گەۋدىسى بىلەن ئىقتىساد،سودا ،بىخەتەرلىك جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ دېگەن.
ئوباما يەنە سۆزلەپ:«بىزنىڭچە،ھېچقانداق رايون ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىن مۇھىم ئەمەس،بىز مۇشۇ رايوندىكى بۇرادەرلىرىمىز بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ،ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشى،گۈللىنىشى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز»دېدى.
ھەمبەھىرلىنىڭ