نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى چايلارنى دەملەپ ئىچىشكە ئامراق. لېكىن چاي ياخشى بولغىنى بىلەن دەملەش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىسا، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. يېشىل چاينى دەملىگەن ھامان ئىچىش كېرەك. يېشىل چاينىڭ ئوكسىدلىنىشتىن ساقلاش رولى بولۇپ، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش رولىغا ئىگە، ناۋادا چاينى بەك يۇقىرى گىرادۇسلۇق قايناق سۇدا دەملىگەندە ياكى دەملەپ ئۇزاق ۋاقىت تۇرغۇزغاندا، فىنول تۈرىدىكى ماددىلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، چاي سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىپلا قالماستىن، پايدىلىق تەركىبلىرىمۇ يوقاپ كېتىدۇ. شۇڭا دەملەپ ئىككى - ئۈچ مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئىچسە مۇۋاپىق بولىدۇ.
قىزىل چاينى ئۇزاقراق دەملەپ ئىچىش كېرەك. قىزىل چاينى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قايناق سۇدا دەملەپ، ئۇزاقراق تۇرغۇزۇپ ئىچكەندە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
قارا چاينى دەملىگەندە چاينى يۇيۇشقا دىققەت قىلىش، يەنى دەملەشتىن ئىلگىرى چاينى پىيالىگە سېلىپ قايناق سۇ قۇيۇپ، بىردەم تۇرغۇزغاندىن كېيىن سۇنى تۆكىۋېتىپ ئاندىن دەملەش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ