نۆۋەتتە چاچ بوياش مودا ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار بىلەنلا چەكلەنمەستىن، نۇرغۇن ياشانغان كىشىلەر ئارىسىغىمۇ تارقالماقتا. ئەمەلىيەتتە چاچ بوياش تېرە ۋە چاچلارنىلا زەخمىلەندۈرۈپ قالماستىن، زىيادە سېزىمچانلىقنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، ھەتتا ئايرىم ئەھۋاللاردا راك پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
نۆۋەتتە بازارلاردا سېتىلىۋاتقانلىرى ئاساسىي جەھەتتىن خىمىيەلىك بوياقلار بولۇپ، كۆپ قىسىم خىمىيەلىك بوياقلاردا راك پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان ئامىنو بېنزول بولىدۇ. بۇ خىل خىمىيەلىك رېئاكتىۋلار تېرە ۋە چاچنى زەخمىلەندۈرىدۇ، بوياش قېتىم سانى ئاشقانسېرى تېرە ۋە چاچنىڭ زەخمىلىنىشىمۇ ئېغىرلىشىپ بارىدۇ. بۇلاردىن باشقا زىيادە سېزىمچانلىققا ئىگە كىشىلەر بۇ خىل خىمىيەلىك رېئاكتىۋلار بىلەن ئۇچراشسىلا قىزىل داغ، ئەسۋە ۋە سۇلۇق قاپارتمىلارنى، ئاندىن ئاللېرگىيەلىك (زىيادە سېزىمچانلىق) تېرە ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت بۇ خىل راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرسا يەنە ئۆسمە پەيدا بولۇشى مۈمكىن.
چاچ بوياشنىڭ ياشانغانلارغا نىسبەتەن خېيىم - خەتىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. ياشانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاق چاچلارنى قارايتىش ئۈچۈن بويايدىغان بولغاچقا، يېڭى چاچ چىققان ھامان رەڭ پەرقى پەيدا بولۇپ يەنە بوياشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنداق قىلىپ تېرە سۈمۈرىۋالىدىغان خىمىيەلىك رېئاكتىۋلارنىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ، يەنە كېلىپ ياشانغانلارنىڭ تەن ساغلاملىقى سەل ناچارراق بولىدىغانلىقتىن، ناھايىتى ئاسانلا زىيادە سېزىمچانلىق ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ.
چاچ بوياش ياشانغانلار ئۈچۈنلا زىيانلىق بولۇپ قالماستىن، ياشلار ئۈچۈنمۇ زىيانلىق بولىدۇ. شۇڭا كىملا بولسا ئەڭ ياخشىسى چېچىنى بويىماسلىقى، زادى بويىمىسا بولمايدىغان ئەھۋالدا، بوياشتىن ئاۋۋال تېرە سىنىقى ئېلىپ بېرىپ زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىشى، چاچ بوياش ئەڭ ياخشىسى يىلدا ئىككى قېتىمدىن ئاشماسلىقى كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ