1. نەرگىز گۈلى: نەرگىز گۈلى چىرايلىق ھەم خۇشپۇراقلىق بولىدۇ، بىراق شاخ ۋە يوپۇرماقلىرىدىن چىقىدىغان سۈزۈك يېپىشقاق سۇيۇقلۇقتا زەھەرلىك سۆرۈنجان ماددىسى بار بولىدۇ. ئۇقۇشماي يەپ سالسا ياندۇرۇش، قورسىقى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. گۈل چېڭى ھامىلدارلار ئۈچۈن زىيانلىق بولۇپ، قولىدا يارىسى بارلار ئامال بار بۇ گۈلگە تەگمەسلىكى، بۇ خىل گۈلنى باقىدىغانلار گۈلنىڭ شاخ ۋە يوپۇرماقلىرىنى زەخمىلەندۈرمەسلىكى كېرەك.
2. ئەتىرگۈل: ئەتىرگۈلدىن چىقىدىغان خۇشپۇراقتا بەزى ئادەملەرنىڭ ئىچى سىقىلىپ بىئارام بولىدۇ، دېمى تۇتۇلۇپ نەپىسى قىيىنلىشىدۇ.
3. سېرىس گۈلى: سېرىس گۈلىنىڭ گۈل چاڭلىرى زىققا كېسىلىنى قوزغايدۇ ياكى يۆتەلنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. گۈل شېخىدا بەزى ئۆتكۈر زەھەرلىك تەركىبلەر بار بولۇپ، ئادەم بەدىنى بىلەن كۆپرەك ئۇچراشسا چاچ - تۈكلەرنى چۈشۈرىۋېتىدۇ.
4. پىيازگۈل (گۈلسامساق): پىيازگۈلىنىڭ خۇشپۇرىقى ئادەمنىڭ مەركىزىي نېرۋىسىنى ئارتۇقچە غىدىقلاپ ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ.
5. سۆگەتگۈل (تالگۈل): ئۇ بىر خىل سۈت رەڭلىك سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت ئۇچراشسا ئادەمنى زەھەرلەيدۇ، مۈگدەك باسىدۇ، زېھنىي قۇۋۋىتى تۆۋەنلەيدۇ.
6. قارىغاي: قارىغاي تۈرىدىكىلەردىن چىقىدىغان پۇراقلار ئۈچەي ۋە ئاشقازاننى غىدىقلاپ، ئىشتىھاغا تەسىر يەتكۈزگەندىن باشقا، ھامىلدار ئاياللاردا ئىچى تىتىلداش، كۆڭلى ئاينىپ ياندۇرۇش، باش قېيىپ كۆز قاراڭغۇلىشىش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. يەنە تېرىنىڭ سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ قىچىشقاقنى پەيدا قىلىدۇ.
7. كۈركۈم گۈلى: گۈلى زەھەرلىك بولغاچقا ئۇزۇن مۇددەت ئۇچرىشىپ تۇرسا چاچ - تۈكلەرنىڭ چۈشۈشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.
8. سېرىق كاككۇك گۈلى: سېرىق كاككۇك گۈلى زەھەرلىك بولغاچقا ئۇقۇشماي يەپ سالسا، ئېغىرراق بولغاندا شۈك بولۇشنى پەيدا قىلىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ