سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش-سۆڭەك ئۆسۈكچىسى، سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جۇڭگو تېبابىتىدە سۆڭەك رېماتىزمى، سۆڭەك ئاغرىقى، دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ دائىم كۆرۈلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك بوغۇم كېسىلى ھېسابلىنىدۇ.
ياز پەسلىدە ئۇزۇن مۇددەت ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىلغان ئىشخانىلاردا خىزمەت قىلغاندا، ئاسانلا تەر بەزلىرى ئېتىلىپ قېلىپ، نورمال ماددا ئالماشتۇرۇش ۋە ئاجرىتىپ چىقىرىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن ۋاقىت جىم ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلمىسا، بويۇن قىسمىنىڭ ھەرىكىتى تەڭپۇڭسىزلىشىپ، بويۇن مۇسكۇلى، نېرۋا، بەل، ئومۇرتقا، قان تومۇرلار ئاسان چارچايدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ دائىرىلىك بويۇن ئومۇرتقىسى كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. يېنىك بولغاندا بويۇن قېتىپ ئاغرىش، مۈرە قىسمى ئېغىرلىشىش، پۇت - قوللار ماغدۇرسىزلىنىش، بارماقلار ئۇيۇشۇش، ئېغىر بولغاندا باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر ئىمكانقەدەر ھاۋا تەڭشىگۈچ شامىلىنىڭ بىۋاسىتە بويۇن قىسمىغا ئۇرۇلۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك، بولمىسا شامالدارىش سەۋەبىدىن بويۇن ئومۇرتقا تەخسىسى ئۆسۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئۇزۇن ۋاقىت ئۆرە تۇرماسلىق، بەدەن ھالىتىنى توغرا ساقلاش كېرەك. كېسەل ئەھۋالىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە ئاساسەن، ئۆزىنى كۈتۈش ئۇسۇلىمۇ ئـوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر ئېغىر دەرىجىدىكى يانپاش، بەل، تىز، ئوشۇق، بويۇن بوغۇمى ۋە ئوشۇق سۆڭەك كېسىلى كۆرۈلسە، ھاسىغا تايىنىپ مېڭىش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ