يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ئەگەر ئۆيدە قوزغىلىپ قالسا، تەمتىرەپ - ھودۇقۇپ كەتمەستىن، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى دەرھال قوللىنىش كېرەك:
1. كېسەللىك قوزغالغاندا بىمارنى تۈز ياتقۇزۇپ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش، ئورنىدىن قوزغاتماسلىق، تىنچ ھالەتنى ساقلاش كېرەك. بولمىسا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر بىماردا بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، تىنچلاشتۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك.
2. ئىنچىكە كۆزىتىش، بىمارنىڭ يۈرەك رېتىمى، قان بېسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى بىلىپ تۇرۇش، خاتىرىلەش، قۇتقۇزۇشقا كەلگەن دوختۇرغا مەلۇم قىلىش كېرەك.
3. بىماردا يۈرەك سانجىقى كۆرۈلسە، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاغرىقنى توختىتىش، بىمارنىڭ تىلىنىڭ ئاستىغا نىتروگىلىتسىرىن قاتارلىقلارنى سېلىش كېرەك.
4. بىماردا ئەزالار كۆكىرىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئوكسىگېندىن نەپەسلەندۈرۈش (تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى بار بىمارلارنىڭ ئۆيىدە چوقۇم ئوكسىگېن سۈمۈرگۈچ بولۇشى شەرت) كېرەك.
5. بىمارنىڭ يۈز - كۆزلىرى تاتىرىپ، قارا تەرگە چۆمۈپ، پۇت - قوللىرى مۇزلاپ، تومۇرى ئاجىز سوقۇپ، قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كەتسە، بىمارنىڭ بېشىنى پەسلىتىپ مېڭىگە بارىدىغان قان مىقدارىنى كۆپەيتىش، يىڭنە سانجىش كېرەك.
6. ئەگەر بىماردا نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىش، ئاغزىدىن بىنەپشە رەڭلىك كۆپۈك، كۆپۈكسىمان بەلغەم كېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ياكى تېز خاراكتېرلىك يۈرەك ئاجىزلاش ئالامىتى كۆرۈلسە، يېرىم ياتقۇزۇپ يۈرەكنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش كېرەك.
7. ئەگەر بىمار چوڭ تەرەت قىلىشنى تەلەپ قىلسا، ئىمكان بار ئىنجىقلاتماسلىق كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئوڭايلا مېڭىگە قان چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ‹120› گە تېلېفون قىلىش ياكى بىمارنىڭ ئەھۋالى سەل ياخشىلانغاندىن كېيىن، يېقىنراق دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىش كېرەك. كېسەللىك قوزغالغاندا ئالدىراپ - تېنەپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارىمىز دەپ بىمارنى يۆتكىسە، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، ئۆلۈم - يېتىم كېلىپ چىقىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ