ئاياللار كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغان يېمەكلىكلەر

0 2011-10-25 13:34:11   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      ھەيزى نورمالسىزلار ھەسەل قوشۇلغان قىزىق سۈت ئىچىپ بېرىشى كېرەك. ھەيز كەلگەن مەزگىلدە ئاياللار ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان ھەسەل قوشۇلغان قىزىق سۈت ئىچىپ بەرسە، ھەيز مەزگىلىدىكى تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ. چۈنكى كالا سۈتى تەركىبىدىكى كالىي كەيپىياتنى ياخشىلاش، قورساق ئاغرىقىنى يېنىكلىتىش، ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەيز مىقدارىنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدۇ. ھەسەل تەركىبىدىكى ماگنىي مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى تىنچلاندۇرۇپ، ھەيز مەزگىلىدىكى جىددىيلىكنى تۈگىتىپ، روھىي بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ.
      ھەيز ئاغرىتىپ كېلىدىغانلار بانان ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. بانان تەركىبىدە ۋىتامىن 6B مول بولۇپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ. ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدىكى كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ ھەمدە قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
      بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىغانلار تەركىبىدە ماگنىي مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك. بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىش كۆپىنچە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللاردا، بولۇپمۇ ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاياللاردا كۆرۈلىدۇ. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، تەركىبىدە ماگنىي مول بولغان تېرىق، قارا بۇغداي ئۇنى، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، بانان، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشنى پەسەيتىدۇ.
      ئانىلىق ھورمۇنى تۆۋەنلەپ كەتكەنلەر پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك. قاندىكى ئانىلىق ھورمۇنى نورمال سەۋىيەدىن تۆۋەن بولسا، ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ ۋە يۈرەكنى قوغداش ئىقتىدارى يوقىلىدۇ. كاماناش (دادۇر) تەركىبىدىكى ئىزىفلاۋون ئانىلىق ھورمۇننى تولۇقلايدۇ. كۈندە 500 مىللىلىتىر كاماناش بوتقىسى ياكى 100 گىرام كاماناشتىن قىلىنغان يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئانىلىق ھورمۇننى تەڭشەيدۇ.
      كۆكەرتكۈچى باكتېرىيە خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى بارلار سامساقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. دائىم سامساق ئىستېمال قىلىپ بېرىدىغان ئاياللار كۆكەرتكۈچى باكتېرىيە خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغىغا ئاسانلىقچە گىرىپتار بولمايدۇ. چۈنكى سامساق تەركىبىدىكى ئاللىتسىن ۋە كاپزائىتسىنلارنىڭ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار. ئۇلار ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان باكتېرىيەلەرنىڭ جىنسىي يولدا يېتىلىشى ۋە ئايلىنىشىنى چەكلەيدۇ.
      سۈت بېزى كېسىلى بارلار بۇغداي ئۇنى يېمەكلىكلىرى ۋە لامنارىيە (خەيدەي) ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ساپ بۇغداي ئۇنى يېمەكلىكىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئانىلىق ھورمۇننىڭ قاندىكى ئايلىنىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، ئانىلىق ھورمۇننىڭ يۇقىرى بولۇشىدىن پەيدا بولغان سۈت بېزى كېسەللىكىنى چەكلەيدىكەن. داۋاملىق لامنارىيە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سۈت بېزى يوغىناپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر