1. موتور تېمپېراتۇرىسىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك. يازدا ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا موتورنىڭ ئىش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. موتور ئىشلەش جەريانىدا، قىزىپ كەتسە، بۇ رادىياتوردا سۇنىڭ كەمچىلىكىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن بۇ چاغدا ئالدىراپ سۇ تولۇقلىماسلىق كېرەك، بولمىسا رادىياتور پارتلاپ كېتىدۇ.
2. ماي يوللىرىنىڭ راۋان بولماسلىقىدىن ساقلىنىش كېرەك. سىلىقلاشتۇرغۇچى ماينىڭ يېپىشقاقلىقى تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى، تۆۋەن بولۇشىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاندا ئۇنىڭ يېپىشقاقلىقى تۆۋەن بولىدۇ.
3. چاقنىڭ يەل بېسىمى يۇقىرى بولۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مەزگىلدە كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ پەرقى چوڭ بولىدۇ، تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاندا يەل ھەجىمى ئىسسىقتىن كېڭىيىپ، چاقنىڭ بېسىمى ئېشىپ، ئاسان ئېتىلىپ كېتىپ، قاتناش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. موتوردا سۇ دۇغىنىڭ قېلىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. موتورنىڭ سۇ قېپى (يوللىرى) دا سۇ دۇغى قېلىنلاپ كەتسە، ئىسسىقلىق تارقىتىش ئۈنۈمى %40~%30 تۆۋەنلەپ كېتىپ، موتور ئاسان قىزىپ، موتورنىڭ خىزمىتىنى ناچارلاشتۇرۇپ، ئىش ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ ۋە ماي پۈركەش ئېغىزى قىسىلىپ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. شامالدۇرغۇچ تاسمىسىنى بوش تەڭشەشتىن ساقلىنىش كېرەك. يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مەشغۇلات قىلغاندا، رېزىنكە تاسمىنىڭ سىيرىلىپ كېتىشى بىلەن ئايلىنىش ئىسراپ بولىدۇ. تاسمىمۇ ئاسان ئۇپرايدۇ. شۇڭا، يازدا موتور تاسمىسىنىڭ چىڭلىق دەرىجىسىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ تەڭشەش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ