تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، قان قويۇقلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ سانىمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا قان قويۇقلۇق قانداق پەيدا بولىدۇ؟ ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟
قان قويۇقلىشىش كېسىلى قاننىڭ زىيادە قويۇقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدا ئۆزىدە سېزىلىدىغان ئالامەتلەر روشەن بولمىغانلىقتىن، خەتەرلىك ھەم يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: يۈرەك مۇسكۇلىغا ۋە مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ۋە قان تومۇرلىرى توسۇلۇش قاتارلىق كېسەللەر قاننىڭ قويۇقلىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
ياشانغانلاردا قان تومۇرى دىۋارىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ئاجىزلاپ، نەيچە بوشلۇقى تەدرىجىي تارىيىپ، قاندىكى تەركىبلەر يۇقىرىلايدۇ. مەسىلەن: قان پىلازمىسىدىكى شار ئاقىل ماددىسى، تالالىق ئاقسىل، ترىگلىتسېرىد خولېستېرىن قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، قاننىڭ تەركىبىدە ياد ماددىلار كۆپرەك بولۇپ، تالالىق ئاقسىل ۋە قان پىلاستىنكىلىرى قاندىكى ياد ماددىلارنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىپ، ياد ماددىنى ئورىۋېلىپ، قان نوكچىسىنى پەيدا قىلىپ، قاننىڭ نورمال ئېقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قان ۋە قان پىلازمىسى يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەردۇر. ئادەتتە ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق، قان قويۇقلىشىش كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىنى ئوڭايلا بايقىيالايمىز. مەسىلەن: ئەتىگەندە باش قېيىش، كېچىسى ئۇيقۇ ئاز بولۇش، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئۇيقۇسى كېلىپ مۈگدەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، بۇ چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنىڭ تىپىك ئالامىتى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بويۇننى تولغىغاندا نەرسىلەرنى ئوچۇق كۆرەلمەسلىكمۇ قان قويۇقلىشىشنىڭ ئالامىتى بولۇپ، قان قويۇقلۇق ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ كۆرۈش نېرۋىسى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنەلمەي، كۆرۈش تور پەردىسىگە ئوكسىگېن ۋاقىتلىق يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئىش قىلغاندىمۇ نەپىسى بوغۇلۇش، بولۇپمۇ زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا تېخىمۇ ئېغىرلىشىش، ئۆپكە ۋە مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئالامەتلىرى مەيلى كۆرۈلسۇن ياكى كۆرۈلمىسۇن، ئۇنى ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.
بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
1. بەدەندىكى سۇنى تولۇقلاش كېرەك. كۆپ سۇ ئىچىپ بەرگەندە بەدەندىكى سۇ كۆپىيىپ، قاننى سۇيۇلدۇرىدۇ ھەم بەدەندىكى قاننىڭ راۋان ئايلىنىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان مېۋە - چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. چۈنكى ۋىتامىن C نىڭ قاندىكى ياغنى تۆۋەنلىتىش رولى بار، كۆكتاتتىكى يىرىك تالالار ئۈچەيدە خولېستېرىننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى توسۇش ئارقىلىق قاننى سۇيۇلدۇرىدۇ. پۇرچاق ياسالمىلىرى ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ تۇخۇمى، بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. بۇ يېمەكلىكلەر تەركىبىدە كۆپ مىقداردا لېتستېرىن دانچىلىرىنى كىچىكلىتىپ، لەيلىتىش ھالىتىنى ساقلاش ئارقىلىق ياغلارنىڭ قان تومۇرى دىۋارىدىن ئۆتۈپ، توقۇلمىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.
يېمەك - ئىچمەكنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش، ياغدا قورىغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، تاماكا ۋە ھاراقنى تاشلاش كېرەك. تاماكا قاندىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى زىيادە كېمەيتىۋېتىدۇ، چۈنكى تاماكا تەركىبىدىكى كاربون چالا ئوكسىدى قان قىزىل ئاقسىلىنى شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىرگە، تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىنمۇ قان تومۇرلىرىنى قىسقارتىپ، قان ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قاننىڭ ئېقىش مىقدارىنى ئازايتىپ، ئېقىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، شۇنداقلا قاننىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇپ، يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ بەدەندىكى ئېشىندى ياغلارنى پارچىلاپ، قاننىڭ قويۇقلىشىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ