


دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باش ئىنژېنېرى چېن فېڭشۆ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىنرەئىسى چيەن جى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. چيەن جى مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭنىڭ خاس باغۋەنچىلىك تەرەققىياتى ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىن تىجارەت تىپىغا ئۆزگىرىۋاتقان، كەسىپلەشتۈرۈش، كۇرسلۇق مەھسۇلات يارىتىش، بازارلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى مەملىكەتتىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنى بۇ قېتىمقى يىغىننى كۇرس شەكلىدە ئېچىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئورمان باشقۇرۇش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭغا باغ–ئورمان باشقۇرۇش تېخنىكىسىبويىچە بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بەردى، بۇ، شىنجاڭنىڭ خاس باغۋەنچىلىك تەرەققىياتىغا زور مەدەت بەرگەنلىكنىڭكونكرېت ئىپادىسى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايون بۇ يىل باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلىدىغان رايونلاردا‹‹ئېكولوگىيەسى ياخشىباغ›› سىناق نۇقتىسىتۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، نەشپۈت، ئالما، چىلان ۋە ياڭاقنى ئالدىن تاللاپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بايىنغولېن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا سىناق بازىسى قۇرۇپ،‹‹ئېكولوگىيەسى ياخشى باغ››قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلغان.