تاجىكىستاننىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى مەھسۇلات مىقدارى ئاشماقتا

0 2011-10-08 12:01:35   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
       تاجىكىستان دۆلەتلىك ئېنېرگىيە سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، تاجىكىستاننىڭ 2011 - يىلىدىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى %15 ئارتىدىكەن.
       تاجىكىستان دۆلەتلىك ئېنېرگىيە سانائىتى مىنىستىرلىقى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل تاجىكىستان ھۆكۈمىتى10 غا يېقىن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلىغان. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا چىكاروۋسكى شەھىرىدىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان مەرمەرتاش ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يىللىق مەرمەرتاش تاختا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 5000 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىكەن. بۇندىن باشقا، تاجىكىستان يەنە ھازىر بار بولغان 4 مەرمەرتاش پىششىقلاش كارخانىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ۋە 5 خىش زاۋۇتىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلىدى. نۆۋەتتە، تاجىكىستاندا جەمئىي 64 خىش ياسىمىچىلىق كارخانىسى بار بولۇپ، 2010 - يىلى 78 مىليون 400 مىڭ پارچە خىش ئىشلەپچىقارغانىدى، بۇ يىل139 مىليون پارچىغا يەتكۈزۈش پىلانلانماقتا.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر