دۆلىتىمىزنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى زىيارەتنى قوبۇل قىلدى

0 2011-10-08 11:59:55   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ۋاقىتلىق خادىمى دېڭخاۋ تەكلىپكە بىنائەت قىرغىزىستان جامائەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى »ئالاتاۋ« ئاخبارات مەخسۇس پىروگراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. زىيارەت جەريانىدا دېڭخاۋ جۇڭگو قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى، »ماناس« داستانىنى قوغداش، جۇڭگودىكى قىرغىزلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
      دېڭخاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان دوستانە قوشنا دۆلەت، ئىككى تەرەپ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىياسىي جەھەتتە بىر - بىرىگە يۈكسەك جەھەتتە ئىشىنىپ، بىر - بىرىنى چۈشىنىپ كەلدى، جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن بولغان دوستلۇق ۋە ساھەلەر ھەمكارلىقىغا ئىزچىل تۈردە ئەھمىيەت بەردى. »ماناس« داستانى پەقەت قىرغىزىستاننىڭلا مىللىي بايلىقى بولماستىن، جۇڭگودىكى قىرغىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ روھىي بايلىقى، جۇڭگو قىرغىزىستان بىلەن بىرلىكتە ئىلگىرىلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
      دېڭخاۋ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش جەريانىدا جۇڭگودىكى قىرغىزلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
      قىرغىزىستان جامائەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قىرغىزىستاندىكى ئەڭ زور، قاپلىنىش دائىرى ئەڭ كەڭ بولغان بىر تېلېۋىزىيە ۋاسىتىسى بولۇپ، كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر