تۈركىيە بىلەن سىپرۇس جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەسلىدىلا قىل ئۈستىدە تۇرىۋاتقان مۇناسىۋىتى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ تەبىئىي گازىنى ئېچىش ھوقۇقىنى تالىشىش سەۋەبلىك يېقىندا تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى. تۈركىيە ھەتتا نېفىت گازىنى چارلاش ئۈچۈن ھەربىي پاراخوت چىقاردى. مۇتەخەسسىسلەر 30-سېنتەبىر بۇ كىرىزىس قارىماققا تۈركىيە بىلەن سىپرۇسنىڭ ئېنېرگىيە تالىشىش ئۇرۇشىدەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە سىپرۇس ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىش مەسىلىسى دەپ كۆرسەتتى.
فىرانسىيە ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سىپرۇس جۇمھۇرىيىتى 20-سېنتەبىر بىز ھوقۇق بەرگەن ئامېرىكىنىڭ نۇئوربۇ ئېنېرگىيە شىركىتى سىپرۇس ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىرغىقىدا تەبىئىي گازنى چارلاش مەشغۇلاتىنى رەسمىي باشلىدى دەپ جاكارلىغان. تۈركىيە ئەتىسى شىمالىي سىپرۇس تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن قۇرۇقلۇق بوسۇغىسى كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەمدە ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا نېفىت گازىنى چارلاش رۇخسىتىگە ئېرىشتى.
كېيىن سىپرۇس جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈركىيە قىدىرىپ تەكشۈرۈشنىڭ قانۇنلۇقلىقى ھەققىدە تىل ئۇرۇشى قىلدى. سىپرۇس جۇمھۇرىيىتى شىمالىي سىپرۇس تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈركىيە ئىمزالىغان قۇرۇقلۇق بوسۇغىسى كېلىشىمى خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شەرقىدە نېفىت گازى بايلىقىنى چارلاش ھوقۇقى يوق دېدى. تۈركىيە بولسا سىپرۇستا پۈتۈن ئارالغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھاكىمىيەت مەۋجۇت ئەمەس، گىرېكلارنىڭ نېفىت تەكشۈرۈش پائالىيىتى قانۇنسىز دېدى. 26-سېنتەبىر تۈركىيە ھەربىي پاراخوت مۇھاپىزەتچىلىكىدىكى نېفىت تەكشۈرۈش پاراخوتىنى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىسمىغا ئەۋەتتى.
1974-يىلى جەنۇب ۋە شىمال بۆلۈپ ئىدارە قىلىنغاندىن بۇيان، سىپرۇسنىڭ جەنۇبى گىرېكلارنىڭ كونتروللىقىدىكى خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان سىپرۇس جۇمھۇرىيىتى بولغان، شىمالىي تۈركلەر كونتروللىقىدىكى پەقەت تۈركىيەلا ئېتىراپ قىلىدىغان شىمالىي سىپرۇس تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇپ كەلدى. سىپرۇس جۇمھۇرىيىتى شۇندىن كېيىن گىرېتسىيەنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن.
جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى گوفۇ 30-سېنتەبىر جۇڭگو ئاگېنىتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېنېرگىيە تالاش-تارتىشى تۈركىيەنىڭ سىپرۇس جۇمھۇرىيىتىنىڭ نېفىت تەكشۈرۈشىگە قارشى تۇرۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب، ئەمما تېخىمۇ مۇھىمى سىپرۇس جۇمھۇرىيىتىنىڭ نېفىت گازىنى تەكشۈرۈشىنىڭ قانۇنىيلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئەمەلىيەتتە مەزكۇر ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنىيلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بىلەن باراۋەر. تۈركىيە ۋە سىپرۇستىكى تۈركلەر بۇنى قوبۇل قىلالمايدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە قارىماققا سىپرۇستىكى ئىككى چوڭ مىللەتنىڭ ئېنېرگىيە تالاش-تارتىشىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ مىللەتچىلىك كەيپىياتى ئارىلىشىپ كەتكەن ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىش، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ بۇ رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىش ئۇرۇشىدۇر.
تۈركىيەنىڭ سىپرۇس مەسىلىسى ھەققىدىكى پوزىتسىيەسى ئىزچىل قاتتىق بولۇپ كەلدى. جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقاتى ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ مۇدىرى جاۋ چىڭخەي جۇڭگو ئاگېنىتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق ئۈچ سەۋەب بار دەپ قارىدى: بىرىنچىدىن، سىپرۇس ئوتتۇرا شەرققە، ئافرىقىغا ۋە ياۋروپاغا تۇتىشىدۇ، شەرقىي ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىكى چۆكمەس ئاۋىياماتكا دېگەن نامى بار، تۈركىيەگە نىسبەتەن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى زور، ئىككىنچىدىن، تۈركىيە ئۇزۇندىن بۇيان، سىپرۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى شەرت قىلىپ، ئۆزىنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرىشىگە قارشى تۇرۇپ كەلگەن گىرېتسىيە، سىپرۇس جۇمھۇرىيىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرمەكچى بولدى. ئۈچىنچىدىن، تۈركىيە شەرقىي ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ نېفىت گاز بايلىقىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.
نيۇرك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر كومىتېت قۇرۇپ، سىپرۇسنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش كېلىشىمىنى ئىمزالىشىغا ياردەم بېرىش تەكلىپى بەردى ھەمدە ئالاقىدار كېلىشىملەر تۈزۈلۈشتىن بۇرۇن، تۈركىيە شەرقىي ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىكى ئۆز ئالدىغا نېفىت قېزىش قىلمىشىغا قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ئايانماي تاقابىل تۇرىدۇ دېدى.
جاۋ چىڭخەي مۇنداق دەپ قارىدى: تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ ياۋروپا-ئامېرىكا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، تالاش-تارتىشنى قورال كۈچى بىلەن ھەل قىلىش شۇئارىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس، ئەمما تۈركىيە ھەربىي ۋە جۇغراپىيەلىك جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە، گىرېتسىيە ۋە سىپرۇس جۇمھۇرىيىتىگە تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىشقا كۆندۈرەلەيدۇ.
سۈرىيەدە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشۇپ 32 ئادەم قاز...
2011-يىللىق ھەزىل نوبېل مۇكاپاتى:ماتېماتىكا مۇكاپاتى ئالدىن ب...
دېھقان تۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوقۇغۇچىلارغا پارتا-ئورۇندۇق سوۋغ...
رەئىس ماۋزېدۇڭنىڭ تىيەنئەنمېن راۋىقىدىكى رەسىمى ئالماشتۇر...
ماۋزېدۇڭ ئولتۇرغان 'زىس115 ماركىلىق پىكاپ كۆرگەزمىگە قۇيۇلدى
ياۋرۇپا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ شەخسى تەنتەربىيە سارىيىغا ئوت ك...
پارتىلىماي قالغان گىرانات بىر ئايالنىڭ جاۋغىيىغا پاتۇرۇلۇپ...