كۈۋەيتتىكى ئەڭ چوڭ نېفىت زاۋۇتىدا پارتىلاش يۈز بەردى

0 2011-10-02 11:20:18   شىنخۇا ئاگېنتلىقى   admin
T|T:خەت رەزمىرى
كۈۋەيتتىكى ئەڭ چوڭ نېفىت چەككىلەش زاۋۇتىدا پارتىلاش يۈز بېرىپ، 4 ئادەم قازا قىلىپ،2 ئادەم يارىلاندى.
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئۆكتەبىر كۈۋەيتتىن يوللىغان تېلىگراممىسى(مۇخبىر دۇجىيەن)
       كۈۋەيت دۆلەتلىك نېفىت شېركىتى 1-چېسلا مۇنداق دەپ خەۋەر ئېلان قىلغان: شۇ كۈنى مەزكۇر شېركەتكە قاراشلىق ئەڭ چوڭ نېفىت چەككىلەش زاۋۇتى  ئەھمەد زاۋۇتىدىكى بىر تەبىئىي گازنى سۇيۇقلاندۇرۇش ئۈسكۈنىسىدە پارتىلاش يۈز بېرىپ، 4نەپەر ئىشچىنىڭ قازا قىلىشى، 2 نەپەر كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان.
        مەزكۇر شېركەتنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەد. ئەجەم مۇنداق دېگەن: بۇ قېتىملىق پارتىلاش ئىشچىلارنىڭ بۇ تەبىئىي گازنى سۇيۇقلاندۇرۇش قۇرۇلمىسىغا قارىتا ئاسراش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا يۈز بەرگەن. دەسلەپكى قەدەمدىكى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇ ۋەقە تەبىئىي گازنىڭ چىقىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. ئەمما ئۇ ۋەقەنىڭ سائەت نەچچىدە يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان.
         ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، مەزكۇر پارتىلاش شۇ جاي ۋاقتى سائەت 17لەر ئاتراپىدا يۈز بەرگەن. 
            ئەجەمىنىڭ ئېيتىشىچە، يارىلانغان ئىككى نەپەر ئىشچى دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ ساقىيىپ، ئاللىقاچان چىقىپ بولۇپتۇ. مەزكۇر ۋەقە كۈۋەيت دۆلەتلىك نېفىت شېركىتىنىڭ ئايلىنىش ۋە خام نېفىت ئېكىسپورتىغا تەسىر يەتكۈزمىگەن، شېركەت مەزكۇر ۋەقەگە قارىتا ئاللىقاچان تەكشۈرۈشنى باشلىۋىتىپتۇ.
          ئەھمەد نېفىت ئايرىش زاۋۇتى كۈۋەيت تەۋەلىكىدىكى 3 چوڭ زاۋۇت ئىچىدە ئەڭ چوڭى بولۇپ، كۈندە 466مىڭ تۇڭ نېفىتنى بىرتەرەپ قىلالايدۇ.
         كۈۋەيتنىڭ ھازىر ئېنىقلانغان نېفىت زاپىسى دۇنيا ئومۇمىي نېفىتىنىڭ %10نى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 2مىليون 900مىڭ تۇڭغا يەتكەنىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر