ئىران دېڭىز ئارمىيىسى ئاۋمىئاتكا ياسايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

0 2011-10-02 11:18:52   شەرق ئەتىگەنلىك گېزىتى   admin
T|T:خەت رەزمىرى
چۈتىيەن شەھەر گېزىتى خەۋىرى:«كەچلىك خەۋەرلەر گېزىتى»،«شەرق ئەتىگەنلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 9-ئاينىڭ28-كۈنى ئىران دېڭىز ئارمىيىسى ئاۋمىئاتكا ياسايدىغانلىقىنى، لايىھىلەش پىلانىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى، ناھايىتى تېزلا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ياساشنى باشلايدىغانلىقىنى رەسمىي ھالدا جاكارلىغان. ئەگەر ئاۋمىئاتكا ياساپ چىقالىسا ئىران ئوتتۇرا شەرقتىكى بىردىنبىر ئاۋمىئاتكىغا ئىگە دۆلەت بولۇپ قالىدۇ.
 ئىران ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ماكسۇدلۇ پولكوۋنىك شۇ كۈنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا بۇ پىلاننى جاكارلاپ مۇنداق دېگەن:«گەرچە ئاۋمىئاتكا ياساشقا ئىنتايىن كۆپ ۋاقىت كەتسىمۇ مېنىڭ بۇنىڭغا قەتئىي ئىشەنچىم بار، ئىران دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بۇ خىل ۋەزىپىنى ئورۇندىشىغا تامامەن قۇدرىتى يېتىدۇ».

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر