قازاقىستان مەبلەغ سېلىپ قاتناش مۇئەسسەسەلىرىنى ياخشىلىماقچى

0 2011-09-30 11:53:44   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
قازاقىستان ھۆكۈمىتى قازاقىستان مالىيەسىدىن 2 تىرىليون 800 مىليارد تەڭگە (تەخمىنەن 19 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر) مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ قاتناش ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنى ياخشىلاشنى قارار قىلدى، بۇ ۋەزىپىنى زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويدى.
      زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلەپ كۆرسەتتى: مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشىغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدا ھەر يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان سودا سوممىسى 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2015 - يىلىغا بارغاندا 1 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن، شۇڭا چوقۇم شەرت - شارائىت  يارىتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ چېگرىدىن مال ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەككەن، چۈنكى چېگرىدىن مال ئۆتكۈزۈش كىرىمىنىڭ مالىيە كىرىمىدە ئىگىلەيدىغان ئۈلۈشى خېلىلا يۇقىرى بولىدىكەن.
      قازاقىستان قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئا.كۇساينوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى 10 يىل مابەينىدە، قازاقىستاننىڭ قاتناش تىرانسپورت مۇئەسسەسەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەرپ قىلغان خىراجىتى 1 تىرىليون 400 مىليارد تەڭگە (تەخمىنەن 9 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر) گە يەتكەن بولۇپ، 3 تۆمۈريول لىنىيەسى ئاللىقاچان ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، دۆلەت يولى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك تاشيولدىن 39 مىڭ كىلومېتىرى رېمونت قىلىندى، نۆۋەتتە 58 قاتناش ئۇل مۇئەسسەسە تۈرى يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ، دۆلەت يولى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك تاشيولنىڭ رېمونت قىلىنىش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %85 ۋە %70 كە يەتكۈزۈلىدۇ، تۆمۈريول ئارقىلىق مال توشۇش سۈرئىتى %20 ~ %15 يۇقىرىلايدۇ، خەلقئارا ئۇلاپ توشۇش سۈرئىتى %30~ %20 يۇقىرىلايدۇ. پۇقرالار ئاۋىئاتسىيەسى جەھەتتە 7 ئۇچۇش - چۈشۈش يولى ۋە 7 ئايروپورت رېمونت قىلىنىدۇ، ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۇ تىرانسپورت لوكى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىلىدۇ، ئاقتاۋ دېڭىز پورتى كېڭەيتىلىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر