شىنجاڭ تاشقى سودا كارخانىلىرى قوشنا دۆلەت بازارلىرىنى ئېچىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى

0 2011-09-30 11:49:31   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شىنجاڭ مالىيە نازارىتى 2011 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بازارلىرىنى ئېچىش يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭدىكى تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارادىكى رىقابەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
      شىنجاڭ مالىيە نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ خەلقئارالىق بازارلارنى ئېچىشىنى قوللاش، شىنجاڭدىكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارنى تاۋار ئېكسپورت مىقدارىنى كېڭەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى كارخانىلارنىڭ خەلقئارالىق بازارلارنى ئېچىش مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىرىنسىپى›، ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋاقىتلىق چارىسى›، ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەرلىك تاشقى سودا ئېشىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتلاش چارىسى› ۋە ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلارنىڭ تاۋار ئېكسپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇشىنى رىغبەتلەندۈرۈشتىكى ۋاقىتلىق چارىسى› قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى.
      شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كارخانىلارنىڭ خەلقئارالىق بازارلارنى ئېچىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش بىلەن بىرگە، كارخانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشىنى، ئىمپورت - ئېكسپورت تۈزۈلمىسىنى تەڭشىشىنى، تاشقى ئىقتىسادىي تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشىنى، خەلقئارالىق ئىقتىسادىي سودا ئىلمىي خادىملىرىنى ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىشنى، تاشقى سودا ئۇچۇر مۇلازىمەت سىستېما قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىشىنى، تاشقى سودا ساھەسىدە تەتقىقات تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنى ۋە سودا ئىشلىرىغا قۇلايلىق ئېلىپ كېلىدىغان تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
      بۇنىڭدىن باشقا، يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شىنجاڭدا تىزىمغا ئالدۇرغان چەت ئەللەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان كارخانىلارنى قوللاش ئۈچۈن، بۇ كارخانىلارنىڭ دۆلەت ھازىر يولغا قويىۋاتقان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا »چىقىش« تەرەققىيات فوند سىستېمىسىنى قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھۆددىگە ئالغۇچى ئورگانلارنىڭ ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى تاشقى سودا كارخانىلىرىنى مەبلەغ كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىنى قوللاش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ كاپالەت بېرىش شەكلى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە يول قويۇلدى.
      شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئوتتۇرا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، 8 دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىدۇ، ئاپتونوم رايوندىكى 10 ۋىلايەت ئوبلاستنىڭ 23 ناھىيە ۋە بازىرى قوشنا دۆلەت بىلەن چېگرىداش، چېگرا  لىنىيەسى5600mk. دۆلەت 1 - دەرىجىلىك چېگرا ئېغىزىدىن 17 سى، 2 - دەرىجىلىك چېگرا ئېغىزىدىن 12 سى، دۆلەت ۋە ئوبلاست دەرىجىلىك رايوندىن 33 ى بار.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر