2011- يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو قازاقىستان چېگرىسىدىكى قورغاس چېگرا ئېغىزى جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سودا ئىشلىرىغا قۇلايلىق يارىتىش، غەربىي يول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، شىنجاڭنىڭ دەۋر ھالقىغان تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن، ھەر كۈنى 12 سائەت ئىشلەش تۈزۈمىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويدى. بۇ جۇڭگو بىلەن قازاقىستان تاموژنىسىنىڭ بىرلىشىپ نازارەت قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويغاندىن كېيىنكى، يەنە بىر قېتىملىق ھەمكارلىق نەتىجىسىدۇر.
يېڭى خىزمەت تۈزۈمىنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، تاموژنا خادىملىرىنى سەپلەش، خىزمەتلەرنى بىر - بىرىگە ئۇلاشتۇرۇش ۋە ئارقا سەپ كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىلمىي پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى. بىر تەرەپتىن، خادىم ئاجرىتىپ ئالدىنقى سەپنى تولۇقلاپ، ھازىرقى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش ۋە ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلىپ ئاسراش، 1 - سەپنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، چېگرىدا 12 سائەت خىزمەت توختاپ قالماسلىقنى ئەمەلىيلەشتۈردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، يېڭى خىزمەت تۈزۈمىگە ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر ۋە ئارقا سەپ خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ھالقىلارنى تەرتىپكە سېلىپ تەڭشىدى.
ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق قورغاس تاموژنىسى 1 - سېپىدە پەقەت 50 خادىم بولۇپ، كۈندە 12 سائەت ئىشلەش تۈزۈمى بويىچە ھېسابلىغاندا بۇ ئادەم سانى يېرىم دېگۈدەك ئازلىق قىلاتتى. بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويغان كۈندە 21 سائەت ئىشلەش تۈزۈمىنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرگۈزۈلۈشى ئۈچۈن، تاموژنىدىكى نۇرغۇنلىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەر دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن ۋاز كېچىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەتكە ئاتلاندى.
نەق مەيدان خىزمەت مىقدارى ئەڭ ئېغىر بولغان تەكشۈرۈش 2 - بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇبىڭ مۇنداق دېدى: »ئىلگىرىكى بىر ھەپتە ئىچىدىكى 6 كۈندە 8 سائەت ئىشلەشتىن، بىر ھەپتىدىكى 7 كۈندە 12 سائەت ئىشلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بۆلۈمىمىزنىڭ نەق مەيدان خىزمەت مىقدارى ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئېشىپ كەتتى، تاموژنا خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇ خىزمەتلەرنى تەلەپكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ تاماملىشى، ئۇلارغا نىسبەتەن بىر سىناق ھېسابلىنىدۇ، لېكىن بىز ئۆزىمىزنىڭ يولۇچىلار ئۈچۈن تېز ھەم سۈپەتلىك مۇلازىمەت قىلىشىمىزغا ئىشەنچىمىز كامىل.
دوڭ چيەن قورغاس تاموژنىسىنىڭ ئادەتتىكى بىر خىزمەتچى خادىمى، ئۇ بىر ھەپتىدىكى 7 كۈندە 12 سائەت ئىشلەش ئىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن بۇ يېڭى ئىش تۈزۈمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكا ماتېرىياللىرىدىن قارىغاندا، 2010 - يىلى قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنغان مال مىقدارى 3 مىليون 276 مىڭ توننىغا، سودا سوممىسى 4 مىليارد300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 2009 - يىلىدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %32.8 ۋە %42 ئاشقان.
ھەمبەھىرلىنىڭ