جوڭگو تۈنۈگۈن تاجاۋۇزچىلىق ۋە كېڭەيمىچىلىك قىلمايمىز، لېكىن بۇ تەيۋەنگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىمىزگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، دېدى.
مەركەز تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى سىياسەت تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ ياجۈن «جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى تونۇشتۇرغاندا، جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنىڭ «قوغدىنىش»خاراكتېرىنى تەكىتلىدى.
ۋاڭ ياجۈن: ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىش تەنقىدچىلەرگە جۇڭگونىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە كېڭەيمىچىلىك قىلمايدىغانلىقى ياكى ئۇرۇش يولىغا ماڭمايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. جۇڭگو ھۇجۇمغا ئۇچرىمىسا، باشقا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلمايدۇ، دېدى.
بىراق ئۇ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىككى قىرغاقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش قاتارلىق «يادرولۇق مەنپەئەت»لەرنى تەكىتلەپ، تەيۋەننىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئايرىلىپ چىقىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جۇڭگو گوۋۇيۈەنى ئاخبارات ئىشخانىسى 6-سېنتەبىر «جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ: دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، دۆلەت بىخەتەرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، جۇڭگو ئاساسىي قانۇنىدا بېكىتىلگەن دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي سىجىل تەرەققىياتنىڭ تۈپ كاپالىتى، دېدى ھەم: بۇ «يادرولۇق مەنپەئەت»لەرنى «قەتئىي قوغدايمىز» دەپ ۋەدە بەردى.