ئۆزبېكىستاندا «كىرىزىسقا قارشى» خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلدى
يېقىندا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تاشكەنتتە »كىرىزىسقا قارشى تۇرۇش پىروگراممىسى ۋە كىرىزىستىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانى« تېمىسىدىكى خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلدى. ئۆزبېكىستان سودا ئىقتىساد مىنىستىرلىقى، ئىقتىساد مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق دۆلەت مىنىستىرلىق كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، دۇنيا بانكىسى، ياۋروپا تەرەققىيات بانكىسى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، ئىسلام بانكىسى قاتارلىق خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق دېپلوماتىيە ئەلچىلىرى ۋەكىللىرى، كارخانا ساھەسىدىكى ۋەكىللەردىن بولۇپ تەخمىنەن 600 دىن ئارتۇق ئادەم يىغىنغا قاتناشتى.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئاكىموۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى. ئاكىموۋ ئالدى بىلەن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ 2008 - يىلىدىكى خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پارتىلىغاندىن كېيىنكى تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى. بۇ تەدبىرلەر ھۆكۈمەتنىڭ سودا بانكىلىرىنىڭ كاپىتالىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، كارخانا بېجىنى تۆۋەنلىتىش، چەت ئەللەرنىڭ قىسقا مەزگىللىك مەبلەغ سېلىش خاراكتېرىدىكى قەرز ئېلىشىنى رەت قىلىش، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاكىموۋ: ئۆزبېكىستان توغرا بولغان تەرەققىيات يۆنىلىشىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەل مەبلىغىنى پائال جەلپ قىلىپ، چوڭ تىپتىكى سانائەت تۈرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۆمۈر يول، تاشيول قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپقا سېلىنىدىغان مەبلەغنى زورايتىپ، تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!