
قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بارماقتا
شىنخۇا تورى ، مېكسىكا شەھىرى 29–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : مېكسىكىنىڭ جەنۇبىدىكى چىئاپاس ئىشتاتىدا 29–سېنتەبىر يەنە تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ ، ئاز دېگەندە 12 ئادەم قازا قىلغان ، 16 ئادەم يارىلانغان ، 4 ئادەم يوقاپ كەتكەن .
شۇ يەرلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ چىئاپاس ئۆلكىلىك خەلق مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ خەۋىرىگە نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە ، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىسى 29–سېنتەبىر سەھەردە ، چىئاپاس ئۆلكىسىنىڭ ئامادۇن كەنتىگە يېقىن جايدا يۈز بەرگەن بولۇپ ، پايتەخت مېكسىكا شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 600 كىلومېتىر كېلىدىكەن . يارىدارلار دەرھال يېقىن جايدىكى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ ، نۆۋەتتە ، قانچىلىك ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن .
چىئاپاس ئىشتاتى بىلەن تۇتىشىدىغان ۋاخاكا ئىشتاتىدا 28–سېنتەبىر تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ ، 300 نەچچە ئېغىز ئۆي كۆمۈلۈپ كېتىپ ، 11 ئادەم يوقاپ كەتكەن .
ۋاخاكا ئىشتاتىنىڭ باشلىقى ئۇرىسەي لۇئىس مۇنداق دېدى : بۇ ئىشتاتتىكى 200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ 100 دىن 300 گىچە ئائىلىلىكنىڭ ئۆيلىرىنى بېسىۋالدى .
يەرلىك خەلقلەر ئۇ شۇ يەردىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرىغا : قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1000 غا يېتىشى مۇمكىن دېگەن .
