ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش زۆرۈر
يوللىغان ۋاقىت:2010-08-22 10:38:10  يازغۇچى:نەزەر  كىلىش مەنبەسى:ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش زۆرۈر

مىھرىگۈل ئىدرىس
(قەشقەر دەريا باشقارمىسى، 000448)

      سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش پارتىيىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئومۇمىيلىقىنى چىقىش قىلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپىدۇر. خەلق ئاممىسى جەمئىيەتنىڭ خوجايىنى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتىكى ئاساسىي كۈچ. شۇڭا، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتە تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ:
      بىرىنچى، ماركىسىزملىق ئاممىۋى نۇقتىئىينەزەرنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتكە بولغان ئاڭلىقلىقنى ئۆستۈرۈش لازىم.
      ئاممىۋى نۇقتىئىينەزەر پارتىيىنىڭ ئەڭ تۈپ سىياسىي نۇقتىئىينەزىرى، ئاممىۋى لۇشيەن پارتىيىمىزنىڭ ئەڭ تۈپكى خىزمەت لۇشەنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ماركىسىزملىق ئاممىۋى نۇقتىئىينەزەرنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۇشەنىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش لازىم. بۇ ئاممىۋى خىزمەت ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈش، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئورتاق نىشان ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى. تارىخىي تەجرىبىلەر ئىسپاتلىدىكى، خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھېمايىسى پارتىيىمىزنىڭ كۈچ قۇۋۋەت مەنبەسى، شۇنداقلا غەلىبە ئاساسى بولۇپ كەلدى. پارتىيە پەقەت خەلق ئاممىسى بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولغاندىلا، مەڭگۈ پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ، ئوڭۇشلۇق ھاكىمىيەت يۈرگۈزەلەيدۇ. سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش پارتىيىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ سىياسىي مەيدانىدا باشتىن - ئاخىر قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەم چىڭ تۇرۇپ، »ھەممىدە ئامما ئۈچۈن، ھەممىدە ئاممىغا تايىنىش« تىن ئىبارەت تۈپ خىزمەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئاممىۋى خىزمەتكە بولغان ئاڭلىقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىرى، رەھبىرىي كادىرلار خەلققە كۆڭۈل بۆلۈشى كىرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار خەلق ئاممىسىغا توغرا پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ھەر ۋاقىت خەلق ئاممىسىنى ئۆز قېرىنداشلىرىدەك كۆرۈپ، خەلق ئاممىسىغا ھەر ۋاقىت ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاممىۋى خىزمەتنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك؛ يەنە بىرى، رەھبىرىي كادىرلار خەلق ئاممىسى ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشى كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغاندا ئالدىراپ، ھەر ۋاقىت ئاممىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئاممىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىشى كىرەك.
      ئىككىنچى، يېڭى ۋەزىيەتتە ئاممىۋى خىزمەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، ئاممىۋى خىزمەتكە بولغان قاراتمىلىقنى كۈچەيتىش كېرەك.
      سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققىياتىدىكى يېڭى سەھىپە. بۇنداق گۈزەل نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا ئۇزاق مۇددەت جاپالىق تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىتنى يارىتىپ بەردى. ئەمما ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتى سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن يەنە تۈرلۈك يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى. شۇڭا، تۈرلۈك يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇسۇل - چارىلار ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىۋى خىزمەتكە بولغان قاراتمىلىقنى ئاشۇرۇش لازىم.
      ئاممىۋى خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقى ئاممىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق، ئاممىنى شەخسىي مەنپەئەت بىلەن كوللېكتىپ مەنپەئەت، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەت بىلەن يىراق كەلگۈسىدىكى مەنپەئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكلەشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، ئىدىيىۋى تەربىيە بىلەن ماددىي مەنپەئەتنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ،«بىر قول قاتتىق»، «بىر قول يومشاق» بولۇش مەسىلىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، سۆز بىلەن تەلىم بېرىش بىلەن ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئامما تەلەپ قىلغاننى رەھبىرىي كادىرلار ئالدى بىلەن ئۆزى ئۈلگە بولۇشى، ئامما تەلەپ قىلمىغاننى رەھبىرىي كادىرلار ئالدى بىلەن قىلماسلىقى، ئۆزىنىڭ ئۈلگىلىك سۆز - ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاممىغا ئۈلگە بولۇشى ۋە تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن يېڭىلىق يارىتىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى يۇقىرى تېخنىكا ۋاسىتىسى بىلەن باشقا ۋاسىتىلەرنى تەڭ قوللىنىپ، كۆپ خىل، جانلىق، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاممىۋى خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
      ئۈچىنچى، ساغلام، ئىلمىي بولغان تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمنى تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
      ئاممىۋى خىزمەت سىياسىۋىيلىكى ۋە ئىدىيىۋىيلىكى بىرقەدەر كۈچلۈك خىزمەتتۇر. شۇڭا، پارتىيىنىڭ ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە، ساغلام، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولغان ئاممىۋى خىزمەت مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق ئاممىۋى خىزمەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.
      1. ئاممىۋى خىزمەتنى ھەرقايسى تارماق، قاتلاملار بىرلىكتە تۇتۇش كېرەك. بۇنىڭدا پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكى، تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن يەرلىك پارتكوملار ئاممىۋى خىزمەتنى مۇددەت بويىچە تەتقىق قىلىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مەزگىللەردىكى ئاممىۋى خىزمەتنىڭ نىشانى، ۋەزىپىسى ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى ئاممىۋى خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇشى ۋە بۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. بىرلىكسەپ تارماقلىرى ئاساسلىقى، يېڭى دەۋردىكى ئاممىۋى خىزمەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئاممىۋى خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا ماسلىشىشى كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئاساسلىقى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۈستۈنلىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەڭ ئامما ئارىسىدا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيىنىڭ ئامما ئارىسىدىكى تەسىر كۈچىنى زورايتىشى كېرەك. تەشكىلات، بىرلىكسەپ، تەشۋىقات، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ھەر ۋاقىت ئاممىۋى خىزمەتنىڭ ھالىتىنى تەھلىل قىلىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.
      2. مەنپەئەت مۇناسىۋەتلىرىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتى، ئاممىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە باشقا كوللېكتىپلارنىڭ ئالاھىدە مەنپەئەتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ۋە ئۇنىڭغا تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. ئېلىمىزدە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە مەنپەئەت سۇبيېكتلىرىنىڭ كۆپ خىللىشىشىغا ئەگىشىپ، ئوخشاش بولمىغان مەنپەئەت سۇبيېكتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسېرى كۆپەيدى. بۇ زىددىيەتلەر ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئاسانلا ئىجتىمائىي زىددىيەتكە ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇستەھكەم ئاساسنى تۇرغۇزۇش كېرەك.
      3. ئاممىۋى خىزمەتنىڭ تۈرلۈك تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى ساغلاملاشتۇرۇش كېرەك. نۆۋەتتىكى كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىدە، ئاممىۋى خىزمەت تەدبىرىنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا يەنە تەدبىرنىڭ دېموكراتىكلىشىشى، ئىلمىيلىشىشى ۋە تۈزۈملىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيىنىڭ ھەربىر تۈرلۈك تەدبىرلىرى بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئەت ۋە ئارزۇسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈش كېرەك. بۇلار ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى رەھبىرىي كادىرلاردىن توغرا سىياسىي نۇقتىئىينەزەرنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بيۇروكراتلىق ۋە شەكىلۋازلىقتىن ساقلىنىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئۆزىنىڭ قىممەت ئۆلچىمى قىلىشنى؛ يېڭى ۋەزىيەتتە ئاممىۋى خىزمەت قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئىگىلەپ تۇرۇشنى؛ ئاممىۋى خىزمەتنىڭ تۈرلۈك تەدبىر بەلگىلەش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش ۋە ساغلاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاممىۋى خىزمەتنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
      ئومۇمەن، پارتىيىنىڭ ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتا ئىلمىي ۋە ئۈنۈملۈك بولغان ئاممىۋى خىزمەتنى باھالاش مېخانىزمىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاممىۋى خىزمەتنى باھالاش پرىنسىپى ۋە ئۆلچىمىنى بېكىتىشتە ئاساسلىقى ئاممىنىڭ رازىلىقى، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلۇقى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق قاتارلىقلارنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك؛ شۇنداقلا پۈتكۈل ئاممىۋى خىزمەت ۋە تۈرلۈك كونكرېت خىزمەتلەر خەلق ئاممىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىشى ۋە خەلق ئاممىسى ئارقىلىق باھالىنىشى كېرەك.
      پايدىلانمىلار:
      [1] ج ك پ 17 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان«ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»

باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!
ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2010/0822/article_9695.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
نىيو- روك كوچىسىدىكى مودا مومايلار
نىيو- روك كوچىسىدىكى مودا مومايلار
77 مىليون 77 مىڭ يۈەنلىك جۈنزىلەن
77 مىليون 77 مىڭ يۈەنلىك جۈنزىلەن
كىچىك مېتاللارنى چاپلاشتۇرالايدىغان ماگنىت ئايال
كىچىك مېتاللارنى چاپلاشتۇرالايدىغان ماگنىت ئايال
Nokia تېلىفون تۇيۇقسىز پارتىلاپ بىر ئادەم ئۆلدى
Nokia تېلىفون تۇيۇقسىز پارتىلاپ بىر ئادەم ئۆلدى
ئاقسۇدا پارتىلاش يۈز بېرىپ 7 ئادەم قازا قىلدى
ئاقسۇدا پارتىلاش يۈز بېرىپ 7 ئادەم قازا قىلدى
يېزا مەكتەپ پىدائىلىرى دىغار يېزا دىغار مەكتەپتە
يېزا مەكتەپ پىدائىلىرى دىغار يېزا دىغار مەكتەپتە
يەر شارىغا يۈشۇرۇن ئاپەت
يەر شارىغا يۈشۇرۇن ئاپەت
لاي-لاتقا ئىقىنى ئادەمنى چۆچىتىدۇ
لاي-لاتقا ئىقىنى ئادەمنى چۆچىتىدۇ
ئەدبىىيات سەنئەت بىلىملىرى
  • قەلبىمدە ھوۋلايدۇ تۇزدەك بىر ئۆكسۈش
  • تاش بولغىن يۈرىكىم
  • ئىنسان ئۇلۇغ ئادىمىلىكتىن
  • بـــۇ ئــاخشــاممۇ ئـۇيـقۇ يـوق
  • خارلىقىممۇ سۆيسەم  يار سېنى
  • ئايغا خوش دىدىم
  • كۆكلىگىن چىنلىقتا شۇدۇر تەۋسىيەم
  • ساختىپەزلەر مارشى
  • پۇشايمانسىز ياشايمەن دېسەڭ (دىلداش)
  • تىمىسىز
  • سۆيگۈڭ ماڭا ئەمدى بىر ئارمان[ ئارزۇ ]
  • <تەغدىرىڭ>
  •  
     
    رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى
    كىنو ئۇچۇرلىرى
    مۇنبەر يېڭىلىقلىرى
  • بىر تۈركۈم ئامىرىكلىق يۇمۇرلار
  • تــاقــا-تــۇقــا پــاراڭـــلار
  • پۇشايمانسىز ياشايمەن دېسەڭ (دىلداش)
  • شايار ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر تورى قۇرۇلدى
  • تىمىسىز
  • سۆيگۈڭ ماڭا ئەمدى بىر ئارمان[ ئارزۇ ]
  • يەنە بىرنى كۈلىۋىتىڭلا!!!..........
  • يېڭى پۇتبۇل پادىشاھى-- مارادونا(1-باب)
  • يېڭى پۇتبۇل پادىشاھى-- مارادونا
  • <تەغدىرىڭ>
  • تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ