يېزا مەكتەپ پىدائىلىرى دىغار يېزا دىغار مەكتەپتە
يېزا مەكتەپلىرىگە باغلانغان مۇھەببەت رىشتىسى 2010- يىلى 8- ئاينىڭ 15- كۈنى پىچان ناھىيىمىزنىڭ دىغار يېزىسى دىغار كەنتىنىڭ دىغار مەكتۋىدە ناھا يېزا مەكتەپلىرىگە باغلانغان مۇھەببەت رىشتىسى
2010- يىلى 8- ئاينىڭ 15- كۈنى پىچان ناھىيىمىزنىڭ دىغار يېزىسى دىغار كەنتىنىڭ دىغار مەكتۋىدە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر قېتىملىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى .
بۇ پائالىيەت بېيجىڭدىكى ساخاۋەتچى جۇۋشەن خانىم ئىئانە قىلغان 10 دانە كومپىيۇتېر ۋە 10 يۈرۈش كومپىيۇتېر ئۈستىلىنى ۋاكالەتەن ئىئانە قىلىش مۇراسىمى بۇلۇپ پائالىيەتكە يېزا مەكتەپ پىدائىلىرى ئەترىتىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار ۋە ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى قاتناشتى .
بۇ ناھىيىمىزدىكى كەنت دەرىجىلىك مەكتەپلېرىنىڭ 3- قېتىم جۇۋشەن خانىم ئىئانە قىلغان كومپىيۇتېرلارنى تاپشۇرۋىلىشى بۇلۇپ ئالدىنقى قېتىملاردا دالانكارىز يېزىسىنىڭ بەشتام مەكتىۋى ۋە تۇيۇق يېزىسىنىڭ يالقۇنتاغ باشلانغۇچ مەكتۋىگە 10 يۈرۈشتىن كومپىيۇتېر ئىئانە قىلىنغان ئىدى .
بۇگۈن ئالاھىدە بىر كۈن يەنى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جوۋچۈ ناھىيسىدە يۈز بەرگەن لاي – لاتقا ئاپتىدە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا مەمىلكەت بۇيىچە ماتەم تۇتقان كۈن بولغاچقا ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان سەنئەت نۇمۇرلىرىنى كۆرسىتىش قىسقارتىلىپ پائالىيەتكە ئالاھىدە بىر كۈنتەرتىپ يەنى لاي- لاتقا ئاپتىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش قىستۇرۇلدى .
پائالىيەتكە قاتناشقان بارلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋە پىدائىلار ئورنىدىن تۇرۇپ يېرىم مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ قايغۇسىنى ئىپادىلدى .
شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەكتەپتىكى دۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلۈپ نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقلىقتا تۇرۇپ پۈتۈن مەمىلىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى .
پىدائىلار ۋەكىلى ، مەكتەپ مۇدىرى ، ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىلى ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئارقا- ئارقىدىن سۆز قىلدى . مائارىپ ئىدارىسىدىن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئابلىتىپ ئابلمىت يېزا مەكتەپ پىدائىلىرىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە بۇندىن كىيىن مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كەنت دەرىجىلىك مەكتەپلەرگە بولغان سېلىنمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ شارائىتنى ياخشىلايدىغانلىقىنى بىلدۇردى .
دىغار يېزىلىق مەركىزى مەكتەپ بۇ قېتىمقى ئىئانە قىلىنغان كومپىيۇتېرلارنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن 10مىڭ يۈەندىن ئۇشۇق چىقىم قىلىپ " جۇۋشەن خانىم ئىلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش سىنىپى " نى رىمۇنت قىلغان بۇندىن باشقا مەخسوس ئوپتىك كابىلى ئارقىلىق كومپىيۇتېرلارنى تورغا ئۇلىغان . بۇندىن باشقا يەنە 12 مىڭ يۈەندىن ئۇشۇق پۇل ئاجرىتىپ ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى شارائت يارىتىپ ئىئانە قىلىنغان كومپىيۇتېرلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كومپىيۇتېر ئارقىلىق دۇنيانى چۈشىنىشگە ۋە ئۆزلىرىنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىمكانىيەت ياراتقان .
دىغار يېزا ئۈمۈت مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى مۇنداق دىدى :
" شۇنچە يىراقتىكى جۇۋشەن خانىم بىزنىڭ يېزىمىزدىكى ئەڭ چەت كەنتنىڭ مەكتۋىگە كومپىيۇتېر ئىئانە قىلىپ ئۆزىنىڭ قەلبىنى ئىپادىلەپ ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى .
مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بىزمۇ ئۇنىڭغا يۆلىنۋالماي ئۆز تىرىشچانلىقىمىزغا تاينىڭ ئىلىكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش سىنىپىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلىدۇق . تورغا ئۇلىدۇق . ئوقۇغۇچىلار ئىئانە قىلىنغان كومپىيۇتېرلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ ئۆز بىلىمىنى ئاشۇرۇپ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بۇلالىسا بىزگە كومپىيۇتېر ئىئانە قىلغان جۇۋشەن خانىم ۋە يېزا مەكتەپ پىدائىلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىئانىسنىڭ ياخشى ئىشلىتىگەنلىكىدىن مىننەتدار بۇلىدۇ "
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئاخىرىدا دوكتور بارىجان زىپەر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا بىر قېتىملىق لىكسىيە سۆزلەپ بەردى . پىدائىلار ئوقۇغۇچىلارغا كومپىيۇتېر ئۆگەتتى .
ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش ھەققىدە سۆزلەپ بەردى .




