سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشتا دېھقانلارنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بىرىش ھەققىدە مۇلاھىزە
مىرىۋانەم ساۋۇت
(ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە مەكتىپى، 843000)
سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئاستىدا، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يېزىلارغا نىسبەتەن ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا يېزىلارنى ئىقتىسادى گۈللەنگەن، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، مۇھىتى گۈزەل، مەدەنىيەتلىك ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
مانا مۇشۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بۇ ئىشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن يېڭى يېزا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى، بۇ تەرەققىياتلار يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار ۋە دېھقانلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.
يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار ۋە دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە بولۇپ، ئۇنى پۈتكۈل خىزمەتلەردە باشتىن - ئاخىر گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كىرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار ۋە دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنىڭ يادروسى دەل سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان زور بىر تۈركۈم يېڭىچە دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت. پارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىدا بۇ ھەقتە ئېنىق قىلپ: «بىلىملىك، تېخنىكا ۋە باشقۇرۇشنى بىلىدىغان يېڭىچە دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈپ، مىليونلىغان دېھقاننىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق رولىنى جارىي قىلدۇرۇش كېرەك»،دەپ كۆرىسىتىلدى. دېھقانلار يېزىلارنىڭ خوجايىنى، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسلىق كۈچ. دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق رولىنى جارىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى دېھقانلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتۇر. شۇڭا، دېھقانلارغا قارىتىلغان تەشۋىقات - تەربىيىنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش كېرەك. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن شۇ يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن نۆۋەتتە دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسلىق نىشان قىلىدىغان يېڭى يېزا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى يەنىلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ نىشان تەلىپىگە دېگەندەك ماسلىشالمايۋاتىدۇ. چۈنكى 1) يېزا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا تۇتۇش قىلىش يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ؛ 2) مەدەنىيەت ئاساسىي ئەسلىھەلىرى ئارقىدا قېلىۋاتىدۇ؛ 3) جامائەت مەدەنىيەت ئورگانلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا غايەت زور قىيىنچىلىقلار مەۋجۇت؛ 4) مەدەنىيەت بۇيۇملىرى ۋە مەدەنىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ.
گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىلارغا ھەر خىل شەكىلدە مەدەنىيەت يەتكۈزۈش يەنى «يېزىلارغا ئويۇن يەتكۈزۈش، يېزىلارغا كىتاب يەتكۈزۈش، يېزىلارغا كىنو يەتكۈزۈش، يېزىلارغا پەن - تېخنىكا يەتكۈزۈش» تەك پائالىيەتلەر داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەنىلا ھازىرقى زامان دېھقانلىرىنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ. شۇڭا يېڭى يېزا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى بۇ خىل «يەتكۈزۈش» مەدەنىيىتىنى «تەربىيىلەش» مەدەنىيىتىگە ئۆزگەرتىش دېھقانلارنىڭ جىددىي ئېھتىياجى بولماقتا. شۇڭا، دېھقانلارنى تەربىيىلەش مەسىلىسىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتقاندىلا، يېڭى يېزا قۇرۇشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى، شۇنداقلا يېڭى يېزا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ:
بىرىنچى، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشكە بولغان ئاڭلىقلىق ۋە جىددىيلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش لازىم. دېھقانلار - يېزا ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق ئوبيېكتى. دېھقانلار مەسىلىسى باشتىن - ئاخىر جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق مەسىلە بولۇپ كەلدى. نۆۋەتتە، ئېلىمىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا پۇرسەت ۋە خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى. بىز ھازىر يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا خىزمىتىدە يېزا ئىگىلىكىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە يېزىلارنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مۈشكۈل ۋەزىپىگە دۇچ كەلمەكتىمىز. بۇ ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش - ئاشۇرالماسلىقتىكى تۈپ ھالقا دېھقانلارنىڭ پەن - مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە باغلىق. شۇڭلاشقا، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار تونۇشنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئۆزىنىڭ ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، دېھقانلارنى بازار نۇقتىئىينەزىرى، ئېچىۋېتىش نۇقتىئىينەزىرى، رىقابەت نۇقتىئىينەزىرى، ئۈنۈم نۇقتىئىينەزىرىنى تىكلەشكە يېتەكلەپ ۋە تەربىيىلەپ، دېھقانلارنىڭ زامانىۋى پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق، نامراتلىق ۋە نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەش لازىم. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار زامانىۋىلاشقان يېڭى يېزا قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، دېھقانلارنى تەربىيىلەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە جىددىيلىكىنى تولۇق تونۇپ، دېھقانلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشلەش لازىم.
ئىككىنچى، دېھقانلارغا بولغان ئىدىيە، ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت تەربىيىسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش لازىم. (1) دېھقانلارغا بولغان ئىدىيىۋى تەربىيىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئالدى بىلەن دېھقانلارنىڭ ئىدىيىۋى ئېڭى، ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە سىياسىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. دېڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيىسى، »ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش« مۇھىم ئىدىيىسى ۋە «سەككىز شەرەپ، سەككىز نومۇس» قاتارلىق مۇھىم ئىدىيىۋى تەربىيىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى يېزا قۇرۇش نەزەرىيىسى ۋە پارتىيىنىڭ يېزىلارغا قاراتقان تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلىرى تەربىيىسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنى توغرا غايە، ئېتىقادنى تىكلىشىگە تەدرىجىي يېتەكلەش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ پۈتكۈل ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى لازىم؛ (2) دېھقانلارنىڭ پەن - مەدەنىيەت سەۋىيىسى ۋە ئىلىم - پەننى ھۆرمەتلەش روھىنى ئۆستۈرۈش لازىم. تۈرلۈك مەدەنىيەت، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سىنىپى، يېزا پەن - تېخنىكا تەربىيىلەش سىنىپى ۋە تۈرلۈك يېزا ئىگىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىش كۇرسلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق دېھقانلارغا بولغان مەدەنىيەت بىلىملىرى ۋە پەن - تىخنىكا تەربىيىسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ پەن - مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم؛ (3) يېزا پەن - تېخنىكا مەدەنىيىتىنى تىرىشىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، قاراتمىلىقى بولغان، ئەمەلىي ئەھمىيىتى بار تەربىيىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش لازىم. ئالايلۇق، تام گېزىتى، رەسىم كۆرگەزمىسى، رادىئۇ، تېلېۋىزىيە تەشۋىقاتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنى كونا ئىدىيە، كونا ئۆرپ - ئادەتلەردىن تەدرىجىي قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزىنىڭ غايىلىك، مەدەنىيەتلىك، ئەخلاقلىق، پەن - تېخنىكا بىلىملىرىدىن خەۋەردار زامانىۋى دېھقانلار قوشۇنىغا تەدرىجىي ئايلاندۇرۇش لازىم.
ئۈچىنچى، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن، دېھقانلارنى تىپلارغا ئايرىپ تەربىيىلەشنى يولغا قويۇش لازىم. دېھقانلارنى تەربىيىلەشتە ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىك ۋە ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا ئاساسەن، تەربىيىلەشنى قانات يايدۇرغاندىلا، ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بىرى، دېھقانلارنى تەربىيىلەشتىن ئىلگىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دېھقانلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكتلارغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان تەربىيىلەشنى يولغا قويۇش لازىم؛ يەنە بىرى، ئوخشاش بولمىغان مەزگىل، ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلاردىكى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرگە ئاساسەن، دېھقانلار ئاممىسىغا بولغان تەربىيىلەشنى قانات يايدۇرۇپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ تەشەببۇسكارلىقى، ئاكتىپچانلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنى پارتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئورۇنلىشىغا ئاڭلىق ھالدا يېتەكلەش لازىم.
تۆتىنچى، دېھقانلارغا بولغان قانۇنچىلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ قانۇن - تۈزۈم ئېڭىنى ئۆستۈرۈش لازىم. دېھقانلار ۋە جايلاردىكى كادىرلارنى تەربىيىلەشتە قانۇن ئۈگىنىش، قانۇننى بىلىشتە ئەستايىدىل، قانۇنغا رېئايە قىلىشتا قاتتىق بولۇش لازىم. دېھقانلارغا قانۇن - تۈزۈم تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش مەقسىتىگە يېتىش لازىم.
قىسقىسى، دېھقانلارغا بولغان تەربىيىلەش سالمىقىنى كۈچەيتىش دېھقانلارنى يۇقىرى ساپالىق، بەلگىلىك يېڭى بىلىم، يېڭى تېخنىكىغا ئىگە بولغان، باشقۇرۇش ۋە تىجارەت قىلىشنى بىلىدىغان، بىلىملەشكەن يېڭىچە دېھقانلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىشنىڭ، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى. شۇڭا، ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلار بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇشتا دېھقانلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى ھەمدە ئۇنى كۈچەيتىشنى مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، قاراتمىلىق ھالدا قاتلاممۇ - قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى لازىم.
پايدىلانمىلار:
[1] پارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كۈرەش قىلايلى»، ئۇيغۇرچە
[2] «سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئاممىباب ئوقۇشلۇق»، 2007 - يىل 7 - ئاي 2 - نەشرى، مىللەتلەر نەشرىياتى، ئۇيغۇرچە
[3] جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيسى 17 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە مۇھىم مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى»، ئۇيغۇرچە
باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!