ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
تاجىكىستاندا تۈرلۈك ماللار سودىسى جانلاندى
يوللىغان ۋاقىت:2010-07-31 11:54:25  يازغۇچى:نەزەر  كىلىش مەنبەسى:ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

تاجىكىستاندا تۈرلۈك ماللار سودىسى جانلاندى

      قەشقەر بىلەن قوشنا بولغان تاجىكىستاننىڭ تۈرلۈك ماللار سودا بازىرى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. تاجىكىستاننىڭ نوپوسى بىرقەدەر ئاز، لېكىن ئافغانىستانغا قارىتا يەتتە سودا ئېغىزى تەسىس قىلىنغان، بازارغا يۈزلىنىش ئەھۋالى ئىنتايىن كەڭ. تاجىكىستاننىڭ تۈرلۈك ماللار بازىرىدىكى تاۋارلار ئاساسەن كىيىم - كېچەك، ئاياغ، بەش خىل مېتال بۇيۇملىرى، ۋېلسىپىت ۋە سۇلياۋ كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن ئىبارەت. تاجىكىستاندا چارۋىچىلىق بىلەن ئىلمە توقۇمىچىلىق ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، يېنىك سانائىتى دېگەندەك تەرەققىي قىلمىغان، بۇ جەھەتتىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەننەرخى يۇقىرى، مەھسۇلات سۈپىتىمۇ تۇراقلىق ئەمەس. شۇڭا، نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان روسىيە ۋە قىرغىزستان قاتارلىق مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئارقىلىق مەملىكىتىمىزنىڭ كىيىم - كېچەك، ئاياغ ۋە باش كىيىملىرى، بەش خىل مېتال مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىپ كەلدى.
      جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا ئېچىلغان قاراسۇ چېگرا ئېغىزى قەشقەردە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى ھېسابلىنىدۇ. قاراسۇ چېگرا ئېغىزى ئېچىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىلىك سودا بىۋاسىتە سودىغا ئايلىنىپ، بۇ جەھەتتىكى تەننەرخنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى؛ جۇڭگونىڭ تاشقى سودا ئىشلىرىمۇ تاجكىستان، ئافغانىستان بازارلىرىنى ئېچىشتا غايەت زور بازار يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولدى.
      قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىگە جايلاشقان قاراسۇ چېگرا ئېغىزىنىڭ قەشقەر شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 236 كىلومېتىر بولۇپ، پەسىل خاراكتېرلىك ئېچىلىدۇ. بۇ قۇرۇلۇق چېگرا ئېغىزىدىن جۇڭگونىڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى تاجىكىستاننىڭ خولود شەھىرىگە بىۋاسىتە بارالايدۇ.
      جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاندىن ئىبارەت بۇ ئىككى دۆلەت 1992 - يىلى دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز مۇقىم تەرەققىي قىلىپ كەلدى. جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك بىر بىرىنى تولۇقلاشچانلىققا ئىگە، جۇڭگو تاۋارلىرى تاجىكىستاندا قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ.

باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!
ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2010/0731/article_9468.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
خۇنەندە تۇيۇقسىز يەر يېرىلىش ھادىسىسى يۈز بەردى
خۇنەندە تۇيۇقسىز يەر يېرىلىش ھادىسىسى يۈز بەردى
جۇڭگو كەسپىي سىنوك ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭلىق ماھىر روزى مەمەت تۆت كۈچلۈك ئىچىگە كىردى
جۇڭگو كەسپىي سىنوك ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭلىق ماھىر روزى مە...
نەنجىڭ شەھىرىدە پروپىل گازى تۇرۇبىسىدىن گاز چىقىپ كېتىپ ، پارتلاش يۈز بەردى
نەنجىڭ شەھىرىدە پروپىل گازى تۇرۇبىسىدىن گاز چىقىپ كېتىپ ، پارتلا...
5 بۇرجەكلىك بىنا ئىچىدىكى سېرىق دېلو ئەنزىسى
5 بۇرجەكلىك بىنا ئىچىدىكى سېرىق دېلو ئەنزىسى
دۇنيادىكى جان بىلەن ئوينىشىدىغان خەتەرلەر
دۇنيادىكى جان بىلەن ئوينىشىدىغان خەتەرلەر
يەر پوستى ئۆزگىرىشىدىن كىلىپ چىققان يەر تەۋرەش
يەر پوستى ئۆزگىرىشىدىن كىلىپ چىققان يەر تەۋرەش
 يەرشارى ۋە تەبىئەت
يەرشارى ۋە تەبىئەت
دۇنيادىكى ئەڭ قىزىل ئالما
دۇنيادىكى ئەڭ قىزىل ئالما
ساغلاملىق بىلىملىرى
  • بەل، پۇتى ئاغرىيدىغانلار دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
  • قول-پۇت تەرلەش، قولتۇق پۇراشنى يۇقىتىشنىڭ ئاددىي چارىلىرى
  • قول-پۇت تىرنىقىنى يۇمىلاق ئېلىش
  • سوزۇلما ئۆت ياللۇغى
  • بۆرەك ياللۇغى – ورمى كوللىيە
  • دوۋساق ياللۇغى
  • سۈيدۈكتە قان ئۇيۇش
  • شىۋىتسىيە ئالىملىرى جىگەر راكىغا قارشى تۇرىدىغان ماددىنى بايقىدى
  • جىگەر كېسىلى بارلار ھاراق ئىچمەڭ
  • جىگەرگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر
  • مەقەت ئەتراپى يېرىلىش
  • سۈيدۈك تۇتۇلۇش ۋە سۈيدۈك يولى كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  •  
     
    MTV لار كۇلۇبى
    تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ