ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
قورغاس چېگرا ئېغىزى سانائەت رايونى
يوللىغان ۋاقىت:2010-07-31 11:50:03  يازغۇچى:نەزەر  كىلىش مەنبەسى:ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

قورغاس چېگرا ئېغىزى سانائەت رايونى

      قورغاس چېگرا ئېغىزى جۇڭگونىڭ غەربىدىكى تارىخى ئۇزۇن، ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىنى قاپلاش دائىرىسى كەڭ، تەبىئىي شارائىتى ياخشى، ئۇنىۋېرسال توشۇش مىقدارى زور، ئاساسىي ئەسلىھەلىرى ئەڭ تولۇق بولغان دۆلەت بىرىنچى دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزى بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ قازاقستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى چوڭ كۆۋرۈك.
      قورغاس چېگرا ئېغىزىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قورغاس چېگرا ئېغىزى سانائەت رايونىنىڭ يەر كۆلىمى  73.9كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى مۇھىم سانائەت رايونلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. گوخەن [2006] 15 - نومۇرلۇق ھۆججەتتە قورغاس چېگرا ئېغىزى سانائەت رايونىنى ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەيدىغان كەسىپلەر بازىسى قىلىپ، توقۇلما بۇيۇملار، يېمەكلىك، داۋالاش - دورىگەرلىك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە خىمىيە سانائەت قاتارلىق كەسىپلەرنى ئاساسلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
      2002 - يىلى 4 - ئايدا قورغاس چېگرا ئېغىزى سانائەت رايونىدا رەسمىي ئىش باشلاندى. 2009 - يىلىغىچە چېگرا ئېغىزىنى باشقۇرۇش كومىتېتى مالىيىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، كارخانىلار مەبلەغ چىقىرىش ۋە يەر ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 60 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سەرپ قىلدى. نۆۋەتتە، چېگرا ئېغىزى سانائەت رايونىنىڭ ئومۇمىي لايىھىسى، تەپسىلىي لايىھىسى ۋە مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى باھالاش قاتارلىقلار ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ باھالاپ تەستىقلىشىدىن ئۆتتى. سانائەت رايونى لايىھىسىگە ئاساسەن توقۇلما مەھسۇلاتلىرى سانائەت رايونى، يېمەكلىك سانائەت رايونى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش رايونى، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇپ پىششىقلاپ ئىشلەش رايونى ۋە بېجى كەچۈرۈم قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش رايونى قاتارلىق رايونلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھازىر ھەمكارلىق مەركىزى يۈرۈشلەشكەن رايونىدىكى توقۇلما سانائەت رايونىغا مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلۇشقا باشلىدى.
      گوخەن [2006] 15 - نومۇرلۇق ھۆججەتتە مەزكۇر رايوننىڭ ئىقتىدار ۋە ئېتىبار سىياسەتلىرى جۇخەي، ئاۋمېنلاردىكى چېگرا ھالقىغان سانائەت رايونلىرىنىڭ باج ۋە پېرېۋوت ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەر، بەلگىلەنگەن ئىقتىدار ۋە باشقۇرۇش شەكلىگە ئاساسەن بەلگىلەندى.
     ھازىر، مەزكۇر سانائەت رايونى جەلپ قىلغان ھەر خىل مەبلەغ سوممىسى 700 مىليون يۈەندىن ئاشتى. سوفىيە يېمەكلىكلىرى، خەيشىن پايپاق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، يۈەن يۈەن خىمىيە سانائىتى، مانشا پايپاق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، رۇيۋېيلەن يېمەكلىكلىرى كارخانىسى ۋە مەيتې سانائەت سودا كارخانىسى قاتارلىق 30 نەچچە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كارخانىلار بۇ رايونغا ئورۇنلاشتى، بۇنىڭ بىلەن 800 1 دىن كۆپرەك ئىش ئورنى ھەل قىلىندى، 2009 - يىلى سانائەت ئومۇمىي قىممىتى 450 مىليون يۈەندىن ئاشتى.
      بۇندىن كېيىن، قورغاس چېگرا ئېغىزى سانائەت رايونى ئۆز ئىقتىدارىنى، سىياسەت ۋە رايون ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايەن قىلىپ، شەرقنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يۆتكەش ۋە ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، چەت ئەل مەبلىغى ۋە چەت ئەل ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، خېرىدار چاقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، چوڭ كارخانىلارنى جەلپ قىلىپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى پائال قوللاپ، سانائەت رايونىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىمپورت - ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە يۇقىرى ئۆرلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەزكۇر رايوننى جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان ئەڭ مۇھىم بازىغا ئايلاندۇرىدۇ.

 

باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!
ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2010/0731/article_9467.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
خۇنەندە تۇيۇقسىز يەر يېرىلىش ھادىسىسى يۈز بەردى
خۇنەندە تۇيۇقسىز يەر يېرىلىش ھادىسىسى يۈز بەردى
جۇڭگو كەسپىي سىنوك ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭلىق ماھىر روزى مەمەت تۆت كۈچلۈك ئىچىگە كىردى
جۇڭگو كەسپىي سىنوك ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭلىق ماھىر روزى مە...
نەنجىڭ شەھىرىدە پروپىل گازى تۇرۇبىسىدىن گاز چىقىپ كېتىپ ، پارتلاش يۈز بەردى
نەنجىڭ شەھىرىدە پروپىل گازى تۇرۇبىسىدىن گاز چىقىپ كېتىپ ، پارتلا...
5 بۇرجەكلىك بىنا ئىچىدىكى سېرىق دېلو ئەنزىسى
5 بۇرجەكلىك بىنا ئىچىدىكى سېرىق دېلو ئەنزىسى
دۇنيادىكى جان بىلەن ئوينىشىدىغان خەتەرلەر
دۇنيادىكى جان بىلەن ئوينىشىدىغان خەتەرلەر
يەر پوستى ئۆزگىرىشىدىن كىلىپ چىققان يەر تەۋرەش
يەر پوستى ئۆزگىرىشىدىن كىلىپ چىققان يەر تەۋرەش
 يەرشارى ۋە تەبىئەت
يەرشارى ۋە تەبىئەت
دۇنيادىكى ئەڭ قىزىل ئالما
دۇنيادىكى ئەڭ قىزىل ئالما
ساغلاملىق بىلىملىرى
  • بەل، پۇتى ئاغرىيدىغانلار دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
  • قول-پۇت تەرلەش، قولتۇق پۇراشنى يۇقىتىشنىڭ ئاددىي چارىلىرى
  • قول-پۇت تىرنىقىنى يۇمىلاق ئېلىش
  • سوزۇلما ئۆت ياللۇغى
  • بۆرەك ياللۇغى – ورمى كوللىيە
  • دوۋساق ياللۇغى
  • سۈيدۈكتە قان ئۇيۇش
  • شىۋىتسىيە ئالىملىرى جىگەر راكىغا قارشى تۇرىدىغان ماددىنى بايقىدى
  • جىگەر كېسىلى بارلار ھاراق ئىچمەڭ
  • جىگەرگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر
  • مەقەت ئەتراپى يېرىلىش
  • سۈيدۈك تۇتۇلۇش ۋە سۈيدۈك يولى كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  •  
     
    MTV لار كۇلۇبى
    تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ