ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
ئــۆزبېكىستان
يوللىغان ۋاقىت:2010-03-28 12:50:44  يازغۇچى:نەزەر  كىلىش مەنبەسى:ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

ئۆزبېكىستان

      ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت نامى: ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى
      يەر مەيدانى: 447 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىر. ئاھالىسى 24 مىليون 657 مىڭ ئادەم (2000 - يىلىدىكى ستاتىستىكا). جەمئىي 129 مىللەت بار بولۇپ، ئۆزبېكلەر %77.6، رۇسلار %5، تاجىكلار %4.8، قازاقلار %4، قاراقالپاقلار %2.1، تاتارلار %1.3 نى ئىگىلەيدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە قىرغىز، تۈركمەن، چاۋشەن، ئۇكرائىن، تۈرك، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر بار. ئۆزبېك تىلى ھۆكۈمەت تىلى ئورنىدا قوللىنىلىدۇ. ئاساسلىق دىنى ئىسلام دىنى، ئاز بىر قىسىم كىشىلەر پراۋوسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
      پايتەختى: تاشكەنت. تاشكەنتنىڭ بىرىنچى ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن بىر گرادۇستىن بىر گىرادۇسقىچە، 7 - ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 27.5 گرادۇسقىچە بولىدۇ.
      دۆلەت زۇڭتۇڭى: ئىسلام ئابدۇگانىۋىچ كەرىموۋ، 1991 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئومۇمىي خەلق سايلىمىدا ئۆزبېكىستاننىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان. 1995 - يىلى 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئۆزبېكىستان ئومۇمىي خەلق سايلىمى ئارقىلىق زۇڭتۇڭ كەرىموۋنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئەسلىدىكى 1997 - يىلىدىن 1999 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە قىلىپ ئۇزارتقان. 2000 - يىلى 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىكى يەنە بىر قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سايلىمىدا ئىسلام كەرىموۋ %91.9 بىلەت بىلەن يەنە زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان.
      ئاساسلىق بايراملىرى: 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يېڭى يىل بايرىمى، 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خوتۇن - قىزلار بايرىمى، 3 - ئۈينىڭ 12 - كۈنى نورۇز بايرىمى، 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلەش كۈنى، 9 - ئاينىڭ 1 -كۈنى دۆلەت بايرىمى، 10 - ئاينىڭ 1 -كۈنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئاساسىي قانۇن بايرىمى.
      دۆلەتنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى: ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كىندىكىگە جايلاشقان »قوش ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى« بولۇپ، جەنۇبىي تەرىپى ئافغانىستان بىلەن، شىمالىي ۋە شەرقىي تەرىپى قازاقستان بىلەن، شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبىي تەرىپى قىرغىزستان ۋە تاجىكىستان بىلەن، غەربىي تەرىپى تۈركمەنىستان بىلەن تۇتىشىدۇ. ھاۋا كىلىماتى ئېغىر قۇرغاق چوڭ قۇرۇلۇق كىلىماتىغا تەۋە.
      ئۆزبېك مىللىتى 11 - 9 - ئەسىرلەردە شەكىللەنگەن. 13 - ئەسىردە موڭغۇللار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. 14 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە ئەمىر تۆمۈر سەمەرقەنتنى پايتەخت قىلغان غايەت زور ئىمپىرىيىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. 18 - 16 - ئەسىردە بۇخارا، خىۋا، قوقەنت خاندانلىقى قۇرۇلغان. 19 - ئەسىرنىڭ 70 -60 - يىللىرى ئۆزبېكىستاننىڭ بىر قىسىم جايلىرى (ھازىرقى سەمەرقەنت ئوبلاستى بىلەن فەرغانە ئوبلاستى) روسىيىگە قوشىۋېتىلگەن. 1918 -1917 - يىللىرى سابىق سوۋېت سوتسىيالىستىك جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1924 - يىلى 10 - ئايدا ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇۋېتىلدى. 1991 - يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى مۇستەقىل بولۇپ، 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىنى مۇستەقىللىق كۈنى قىلىپ بېكىتتى.
      ئاساسلىق شەھەرلىرى: تاشكەنت. تاشكەنت ئۆزبېسكىتاننىڭ پايتەختى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شەھەر، شۇنداقلا سانائەت، مەدەنىيەت مەركىزى. تاشكەنت توققۇز رايونغا بۆلۈنىدۇ، يەر كۆلىمى 250 كۋادرات كىلومېتىر، ئاھالىسى ئىككى مىليون 200 مىڭ ئادەمدىن ئاشىدۇ. تاشكەنتنىڭ ئېغىر سانائىتى بولۇپمۇ ماشىنىسازلىق سانائىتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە كېۋەزچىلىك ماشىنىلىرىنى ئاساسەن مانا مۇشۇ شەھەر تەملەيتتى. تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغان تۆمۈريول، تاشيول تۈگۈنى، شۇنداقلا خەلقئارادىكى مۇھىم ئاۋىئاتسىيە پورتى. تاشكەنتتە 19 ئالىي مەكتەپ ۋە ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىت سانائەت تەتقىقات ئورنى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى گېئولوگىيە كان مەھسۇلاتلىرى تەتقىقات ئورنى، ئوتتۇرا ئاسىيا نېفىت سانائەت تەتقىقات ئورنى قاتارلىق تەتقىقات ئورۇنلىرى بار.
      بۇخارا: بۇخارا شەھىرى بۇخارا ئوبلاستىنىڭ مەركىزى، بۇخارانىڭ بوستانلىق مەركىزىگە جايلاشقان. ھازىر بۇ شەھەردىكى 140 نەچچە ئورۇندا ئىسلام دىنى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قەدىمىي قۇرۇلۇشلار ساقلانماقتا. بۇخارا ياۋروپا بىلەن ئاسىيا قىتئەسىنىڭ قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان شەھەر بولۇپ، سودا ئىشلىرى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان.
      سەمەرقەنت: سەمەرقەنت ئوبلاستىنىڭ مەركىزى بولغان سەمەرقەنت شەھىرى ئۆزبېكىستاندىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر بولۇپ، زەرەفشان جىلغىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى 505 مىڭ ئادەم. يىپەك يولى مۇقەررەر كېسىپ ئۆتىدىغان قەدىمىي شەھەر. بۇ شەھەر كونا ۋە يېڭى شەھەر دەپ ئىككىگە ئايرىلغان، كونا شەھەردە 17 - 14 - ئەسىرلەردىكى نۇرغۇنلىغان مەشھۇر جايلار بار، يېڭى شەھەردە زامانىۋىي قۇرۇلۇشلار كۆپرەك. مۇشۇ ئەسىردىن بۇيان سەمەرقەنتتە ئۈزۈم ھارىقى، ھۆل - قۇرۇق مېۋە - چېۋە، يىپەك توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى، كىيىم - كېچەك، كۆن خۇرۇم مەھسۇلاتلىرى، تاماكا قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش قەدەممۇ - قەدەم تەرەققىي قىلدى. سەمەرقەنتنىڭ مۇھىتى خۇددى تاشكەنت ۋە بۇخارالارغا ئوخشاشلا گۈزەل بولۇپ، ساياھەت قىلىشتىكى ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ.

باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!
ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2010/0328/article_7357.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
ۋېنېسۇئېلا ئازاد بولغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىر
ۋېنېسۇئېلا ئازاد بولغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىر
‹‹كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر››
‹‹كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر››
ئامما بىلەن بىللە بولۇش
ئامما بىلەن بىللە بولۇش
قەشقەر شەھىرىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئىككى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى
قەشقەر شەھىرىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئىككى مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى...
چىڭخەي يۈشۇدا قازا قىلغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى
چىڭخەي يۈشۇدا قازا قىلغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى
تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىلىرى جىددىي ھالەت قانۇنىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى
تايلاندنىڭ سابىق زۇڭلىلىرى جىددىي ھالەت قانۇنىنى بىكار قىلىشنى ت...
ئاففانىستاندا 5.3 بال يەر تەۋرىدى
ئاففانىستاندا 5.3 بال يەر تەۋرىدى
دۇنيادىكى داڭلىق مەسچىتلەر
دۇنيادىكى داڭلىق مەسچىتلەر
 
 
رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى
كىنو ئۇچۇرلىرى
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ