شىنخۇا تورى ، كابۇل 19–ئاپرېل تېلېگراممىسى . ئاففانىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ 19–ئاپرېل ئېيتىشىچە ، ئاففانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا 19–ئاپرېل سەھەر دە 5.3 بال يەر تەۋرەپ ، سەككىز ئادەم قازا قىلغان ، 15 ئادەم يارىلانغان .

ئاففانىستان سەمەنگان ئۆلكىسىنىڭ ھۆكۈمەت باياناتچىسى مۇھەممەد سىدىق ئەزىزنىڭ 19–ئاپرېل شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە ، بۇ ئۆلكىنىڭ جەنۇبىدىكى دالاسۇف ۋە رۇئىدۇئابۇ رايونى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بولۇپ ، 300 دىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ، نەچچە يۈز ئادەم ئۆي–ماكانسىز قالغان . يەر تەۋرەش ئاپىتى يەنە لاتقا–شېخىللىق ئېقىننى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، دالاسۇف رايونى بىلەن بۇ ئۆلكىنىڭ مەركىزىي شەھىرى ئايباك تۇتۇشىدىغان تاشيول ئېتىلىپ قالغان .
ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك چارلاش ئىدارىسى تور پونكىتى ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش شۇ جاي ۋاقتى 19–ئاپرېل سەھەر سائەت 0:58 دە يۈز بەرگەن . يەر تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر بولۇپ ، تەۋرەش مەركىزى ئاففانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 190 كىلومېتىر ، ئاففانىستاندىكى 4–چوڭ شەھەر مازارى شايرىفنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 125 كىلومېتىر كېلىدىكەن .

ئاففانىستان يەر تەۋرەش ئاپىتى كۆپ كۆرۈلىدىغان دۆلەت بولۇپ ، 2009–يىلى 4–ئايدا ، ئاففانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارخار ئۆلكىسىدە 5.5 بال يەر تەۋرەش 25 ئادەم قازا قىلغان . 2002–يىلى 3–ئايدا ، ئاففانىستانىڭ شىمالىدا يەر تەۋرەپ 2000 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان .