جۇڭگو ئاپتوموبىللىرىنىڭ روسىيە بازىرىدىكى سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش تەس
ئاھالىلەر كىرىمى تۆۋەنلىشى ئەرزان باھالىق ئاپتوموبىللارنىڭ روسىيە بازىرىدا ئىگىلىگەن سالمىقىنى كېڭەيتىشكە پايدىسىز بولماقتا. بۇ يەردە دېيىلگەن ئەرزان باھالىق ئاپتوموبىللار جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئولېگ دايتسيېۋ مۇنداق دېدى: »جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللىرىنىڭ روسىيە بازىرىدا ئىگىلىگەن سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە بۇ ئاپتوموبىللار روسىيىنىڭ ۋولگا ئاپتوموبىلى بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدۇ، جۇڭگو ئاپتوموبىل شىركەتلىرى زاپچاس ۋە رېمونت قىلىش جەھەتتە ئىستېمالچىلارنى رازى قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو ئاپتوموبىللىرىنىڭ رېمونت قىلىنىش ھەققىمۇ ۋولگا ئاپتوموبىلىنىڭكىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللىرىدىن پەقەت لىفەن بىلەن جىلىلا روسىيە بازىرىدا قارشى ئېلىندى. بۇ ئىككى ئاپتوموبىل شىركىتى روسىيىنىڭ ROLF شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان. جۇڭگونىڭ باشقا ماركىلىق ئاپتوموبىللىرى روسىيە بازىرىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولماقتا. بۇنىڭ سەۋەبى، پۇل مۇئامىلە كرىزىسى تۈپەيلىدىن، سودىگەرلەرنى كۆپەيتىش، زاپاس ساقلاش ۋە رېمونت قىلىش تورى تەننەرخى ئېشىپ كەتتى.
ئۇ خۇلاسىلاپ مۇنداق دېدى: «بىر قىسىم جۇڭگو ئاپتوموبىل سودىگەرلىرى روسىيىدىكى ئەمەلىي كۈچى بىرقەدەر ئاجىز شېرىكلەرنى تاللىغانىدى، ھازىر بولسا ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولماقتا. ئۇلار بەش يىلدىن كېيىن خۇددى كورېيە ئاپتوموبىل شىركەتلىرىگە ئوخشاش روسىيە بازىرىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ھەمدە سۈپەت جەھەتتە ئۇلار بىلەن بەسلىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۇرغۇن ئەمەلىي كۈچى ئانچە چوڭ بولمىغان شىركەتلەر بۇ ۋەدىلەرگە ئىشىنىپ، جۇڭگو ئاپتوموبىللىرىنى بەس - بەستە سېتىۋالماقتا. لېكىن جۇڭگو ئاپتوموبىللىرى ئىقتىدار جەھەتتە ھازىرچە روسىيە بازىرىغا ماس كەلمەيدۇ».
باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!