- تىزىملاتقان
- 2011-1-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1936
- نادىر
- 0
- يازما
- 58
ئۆسۈش
93.6%
|
بۇ مەزمۇن 15قەۋەتتىكى alqondiدە2011-02-23 12:31يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن خاتا چۈشۈنىۋالمىغان بولسام ، ماكۈتۈپ خانىنىڭ لاھىيەسى قازاندىن چىقىپ بولۇپتۇ ، ھازىر ھۆكۈمەت ئەلرايىنى سىناپ ئەلگە بەكرەك ياققان لاھىيەدىن بىرنى تاللاپ قۇرۇلۇش باشلايدىكەن . شۇنداق بولغان ئىكەن بىز ئەمدى تاشقى قىياپىتىنى ئانچە مۇزاكىرە قىلماي ، ئىچكى قۇرۇلمىسىنى ، ھەرخىل ئەسلىھەلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ ياخشى پىكىر تەلەپلەرنى باغداش تورىمىزغا ۋاكالىتەن بىر ۋەكىل چىقىرىپ ھۆكۈمەتكە ئىنكاس قىلساقمۇ ياخشى بولاتتى.
مەن ئالدىنقى ئىنكاسىمدىمۇ ئازراق توختالغان ، بۇقېتىم يەنە ئازراق بىلجىرلاپ باقاي . كۈتۈپخانە زادى قانداق جاي ؟ كۈتۈپخانە ھەرخىل تۈر ، ھەرخىل مەزموندىكى كىتاپ-ماتىرىياللار توپلانغان بىر غەزىنە دىيىشكە بولىدۇ ، بىز كۈتۈپخانىدىن ئۆزىمىزنىڭ ئۆگۈنۈش ، خىزمەت ، تەتقىقات ئىشلىرىغا ئائىت ھەرخىل ماتىرىياللارنى ئىزدەپ تېپىپ پايدىلىنىشىمىز مۇمكىن شۇنداق بولغانكەن بىز بۇغەزىنىدىكى بايلىقنىڭ(مىللى تىل يېزىقتىكى ماتىرىياللارنىڭ سانى، تۈرى) مۇكەممەل چىقىشىغا پىكىر تەلەپ بەرسەك بولىدۇ دەپ قارايمەن . غەزىنىنىڭ بايلىقى كۆپەيگەندىن كېيىن ئۇنى باشقۇرۇش ، ئىزدەپ-تېپىش بىر مۇھىم ، قىيىن مەسىلىگە ئايلىنىدۇ ، ئەگەردە بىز بۇرۇنقىدەك يەنىلا ئادەم كۈچىگە تايىنىپ بۇئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىمىز دىسەك مېنىڭچە بۇ سەل قىيىنغا توختايدۇ ، شۇڭلاشقا چوقۇم زامانىۋى يوقۇرى پەن تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ ئاپتۇماتلاشقان كۈتۈپخانە قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كىرەك . ئەمدى كۈتۈپخانە دەپ كىتاپلارنى تىزىۋەتكەن بىلەن كىتاپلار بىر-بىرىنى كۆرمەيدۇ ، يەنە شۇ ئادەملەر كىرىپ كۆرىدۇ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ياشانغان ، مىيىپلار ھەم كىچىك بالىلارمۇ بار شۇڭلاشقا كۈتۈپخانىنىڭ كىرىش چىقىش ئېغىزى ، ئۆتۈشمە يوللىرى قاتارلىقلاردا چوقۇم قولايلىق يول تەسىس قىلىنىشى كىرەك . ئەمدى رايونىمىز كۆپ خىل تىل-يېزىق ئورتاق قوللىنىلدىغان رايون بولغاچقا كۈتۈپخانا دىگەندە ھەرخىل تىل يېزىقتىكى كىتاپ-ماتىرىياللار بولىدۇ بۇلار ئەلۋەتتە تىل ئايرىمىسى بويىچە ئايرىم تىزىلىشى مۇمكىن ، شۇڭلاشقا ئەمدى كۈتۈپخاننىڭ ھەربىر تىل رايونىنى شۇ تىلنى ئىشلىتىدىغان ئاساسلىق مىللەتنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەن ئاساستا لاھىيەلەپ بېزىسە مىنىڭچە زامانىۋىلىق بىلەن مىللى خاسلىق بىرلىشىپ تىخىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر كۈتۈپخانە بولۇشى مۇمكىن.
يوقىرقى پىكىرلىرڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق بولۇپتۇ، ئاپتوماتلاشقان كۈتۈپخانا قۇرۇش جەھەتتە مېنىڭچە ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىشقا بولىدۇ. |
|