- تىزىملاتقان
- 2012-2-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 763
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
ئۆسۈش
  52.6%
|
ھاراقنىڭ بايانى
(ساتىرا)
ئەخمەت ئابلەت تاشقىن
سۈرۈشتۈرسەك ئەجدادىممۇ ئەسلىدە ئاشلىق،
ئەزەلدىنلا ئۆزۈم ئاچچىق، ئەمەسمەن تاتلىق.
مېنى ئىچسەڭ چىرماپ ئالار سېنىلا شاتلىق،
مامۇقتىنمۇ يۇمشاق ئاڭا ياتساڭمۇ تاشلىق.
ئىچىم پەقەت ئاغرىمايدۇ باغرىم بەك قاتتىق،
بىر كۈن سېنى ئۇدۇنياغا قىلىمەن ياتلىق.
ئىچە دوستلار قېنى مېنى تەننى قاندۇرۇپ،
قانماي قالساڭ مېنى ئىچكىن يەنە ياندۇرۇپ.
شاش قىلىمەن ھەتتا سېنى، ئىشتان سالدۇرۇپ،
«باتۇر» قىلىپ قوللىرىڭغا پىچاق ئالدۇرۇپ.
رەسۋا قىلىپ ئەل ئالدىدا دەردكە قالدۇرۇپ،
دوست بولىمەن سېنىڭ بىلەن ھايات-ماماتلىق.
خىيال قىلماي ئىچىۋەرگىن خوتۇن بالاڭنى،
بالاڭ باقسۇن ئۆيدە قالغان قوي ۋە كالاڭنى.
ھەممە ئادەم بىلىپ قالسۇن سېنىڭ ئالاڭنى،
توسسا ھەتتا قۇيۇۋەتكىن خوتۇن« ساراڭ»نى.
مىنىڭ قەستىم بۇزۇۋېتىش ئۆي ۋە باراڭنى،
مىنىڭ بىلەن نىكاھ ئوقۇپ تاپقىن« ساۋابلىق».
ئېشەك ئىچمەس ئىچەر سۈيىگە قالسام بىر تېمىپ،
«ساق» لار ئىچكىن ئەتىۋارلاپ توختىماي قېنىپ.
«ئوغۇل بالىلار» ئالدىدا سەن قالمىغىن چېنىپ،
ئىچىۋەرگىن سېنى باققان ئاتاڭدىن تېنىپ.
ئۆلمەي قالساڭ ئىچىۋەرگىن يېنىشلاپ يېنىپ،
ئۇ دۇنياغا ئۇدۇل بارىسەن بولۇپ قاناتلىق. |
|