- تىزىملاتقان
- 2011-1-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 17940
- نادىر
- 0
- يازما
- 854
ئۆسۈش
19.85%
|
_ ۋەي ... ياخشىمۇ سىز . . قانداق ، بالا تېچلىقتۇ ؟ ..ھە ، مەنمۇ ياخشى تۇرىۋاتىمەن ..
قانداق ئاخشامقى سۇننەت توي مەرىكىسى ياخشى ئۆتكەندۇ ؟... بالىلىرىمىز ياخشى ئوينىدۇمۇ ؟...
_ خېلى ياخشى بولدى ، شۇ ھازىر قومۇلدىكى رېستۇرانلاردا ھاراق قۇيۇلمايدىغان بولۇپ كەتتى ئەمەسمۇ ...
_ ۋاي ، راستمۇ ؟ ئەجەپ ياخشى ، ئاخىرى ئەمەلگە ئېشىپتۇ - دە بۇ ياخشى پىلان ! باغداش تورىدىن بۇ چاقىرىقلارنى كۆرۇپ تۇرۇۋاتاتتىم ، ئەجەپ ياخشى بوپتۇ ........
_ ۋاي ، ئالدىرىماي سۆزۇمنى ئاڭلاپ باقمامسىز ! ...سىزگىمۇ ئايان ، بۇ ئاغىنىمىز سەل كۆڭۇلچان ئەمەسمۇ ، بىر قىسىم دوست - بۇرادەرلىرىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلالماي ، يەنە شۇ ھەر - بىر ئۇستەلگە مېنرال سۇ پوتۇلكىسىدا ھاراق كەلتۇردى .ھېلىقى ئىچكىسى كەلگەنلەر تازا ئىچتى - يەنە .....
-_ ۋاي ، خۇدايىم ، نىمە دەيدىغانسىز - ئەمدى ، بىر ئوبدان مەرىكىنى بۇلغاپتۇغۇ - يەنە ھاراق بىلەن . سىز نىمە قىلدىڭىز ؟! گەپ قىلسىڭىز بولمامدۇ ئاۋۇ ھاراقخۇمار ئاغىنىلىرىڭىزگە ! ئۆزىڭىز ...
_ ۋاي ، مەن ئىچمىدىم ، ئۇزۇن بولدىغۇ تاشلىغىلى ، شۇ ئاغىنىلەر دائىم « ئادەم تاللاپ ئىچىپ قويىدۇ ، سورۇن تاللاپ ئىچىدۇ ... » دەپ چاقچاق قىلىپ يۇرىيدۇ - شۇ ، ئاز گەپ قىلە ، سەنمۇ .
_ ھەي ، ئىسىت ! سىزلەرگە ، سىزلەرمۇ ئاغىنە بولدۇڭىزلارمۇ ؟ بىرىڭلار ھاراق قۇيماي ياخشى قىپسەن، دىسىڭىزلار ئىككى- ئۇچىڭىزلار قارشى چىقىۋاتقان ! خۇدادىن قورۇقسىڭىزلارچۇ ...ھەي...
__ بولدى ! سىزنى ئاچچىقلايدۇ - دەپ دىمەي دىگەنتىم ئەسلى . ھېلىمۇ بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كەتتى . ئاستا - ئاستا تېخىمۇ ئوڭشىلىدۇ - ئىشلار !...
_ ھە ، خۇدايىم ، شۇنداق بولسۇن ! سىزمۇ چوقۇم ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىڭ ! ئاۋۇ « كۆڭۇل ، كۆڭۇل ...» دەپ تۇرىۋالىدىغان ئاغىنىلىرىڭىزدىن يىراقراق تۇرۇڭ. ئۇلارغا تېگىشلىك گەپلەرنى ئىككىلەنمەي دەۋېرىڭ ! سىزدىن ئاغرىنسا ، ئۆز يولىغا ماڭسۇن ! ئاۋۇ ئوغلىمىزمۇ چوڭ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ ، ياخشى تەسىر قالدۇرايلى ، بىزگە ھەممىدىن ئامانلىق ، پاكىزلىق ، ھالاللىق مۇھىم ...
_ ۋاي ، باشقا دەيدىغان سۆزىڭىز بولمىسا ، ئىشىم بار ئىدى ، تېلىفۇننى قويىۋەتتىم ! مۇشۇ تۇگىمەس نەسىھەتلەردىن قۇلاق ئاغرىيدىغان بولۇپ كەتتىغۇ ...
_ خاپا بولماڭە ، مەن دىققەت قىلاي ! ھە ، خوش ئەمىسە ، كەچتە تېلىفۇندا كۆرىشەيلى _ جۇمۇ ، ئوغلۇمىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىسام ئۇيقۇم كەلمەيدۇ - مېنىڭ . خوش ! |
-
ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 10
باھا خاتىرىسى
|