- تىزىملاتقان
- 2011-10-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 287
- نادىر
- 0
- يازما
- 11
ئۆسۈش
  95.67%
|
مىنىڭ بىلىشىمچە، بۇ خىلدىكى ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىلار قارا گورۇھ تۈسىنى ئالغان. پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىنى ئىزدىسىڭىز بۇ ئىشنىڭ بېشى ئىككى ئۈچ ئادەمگە باغلىنىشى مۇمكىن. ئاشۇ يەرگە دائىم كىرىپ-چىقىدىغانلاردىن ئىگىلىنىشىچە، ناھىيە بازىرىغا جايلىشىۋالغان بىر ئويۇنچۇقخانىنىڭ ئايلىق كىرىمى نەچچە مىليۇن، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن. بىز تەرەپلەردىمۇ بۇ نىجىسنىڭ قولىدا ۋەيران بولغانلار ھەم بولىۋاتقانلار ئاز ئەمەس. ئەڭ يامان بولغىنى ئاشۇلارنىڭ شۈلۈپ يېگىنى ئازلىق قىلىۋاتقاندەك، ئۆز قەۋمىمىزدىن بىر تۈركۈم جازانىخورلار يېتىشىپ چىقىپ، بىلىنى رۇسلىيالمايۋاتقان بىچارە (ئەقلىگە پوق يېگەن) قىمارۋازلارنى ئەجەل پاتقىقىغا پاتۇرماقتا. (جازانىخوردىن قەرز ئالغان بىر تونۇشۇمنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە، مىڭ سومنىڭ كۈنلۈك ئۆسۈمى 100 يۈەن ئەتراپىدا بولارمىش).
قانۇن ئورۇنلىرى بىر نەچچە قېتىم ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت قوزغاپ بۇنداق چىكىدىن ئاشقان سورۇنلارنى تاقىتىۋەتكەن. لېكىن، ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى ئۇلار بىر نەچچە كۈن ئۆتەر-ئۆتمەيلا يەنە تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىۋالغان مىساللارمۇ ناھايىتىمۇ كۆپ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشۇ يەرلەردە پات-پات جىدەل-ماجرا چىقىپ تۇرىدۇ. قانۇن ئورۇنلىرى بۇ ئىشقا ئارلىشىدۇ. تېخىمۇ ھەيران قالارلىق يېرى، بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندە، دۇكان ئۆز پېتىچە قىلىپ، ئۇنىڭ خوجايىنلىرى ھەم قوغدىغۇچىلىرى پۈتۈنلەي ئالمىشىپ بولىدىكەن.
مېنىڭ سىرتتىن بېلىشىمچە، بۇ مانا مۇشۇنداق سىرلىق بىر قورغان. بۇنىڭ كەينىدە قانداق ئويۇن ئوينىلىۋاتىدۇ؟ بۇلارغا كىم باشچىلىق قىلىۋاتىدۇ؟ يەنە قانداقتۇر ئاللا كىملەر يانتاياق بولۇپ، قانات ئاستىغا ئېلىۋاتىدۇ؟ يەنە كېملەر ئۇلارنىڭ يولىنى راۋان قىلىۋاتىدۇ؟ بۇ ھازىرچە ھەممىگە قاراڭغۇ.
شۇڭا، مېنىڭ ئۈمىدىم، ئالدى بىلەن ئاشۇ قىمار سورۇنلىرىغا ئۆگىنىپ قالغان دوسلىرىمىزنى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنى، خانىم-قىزلىرىمىز ئەرلىرىنى قايتۇرۇپ كېلەلىگەندە، ئۇلارمۇ ئاستا ئۆز يولىغا راۋان بولىشى مۇمكىن.
ئەگەر، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغايمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىشىمىز كىرەك. |
|