- تىزىملاتقان
- 2012-4-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
  3.33%
|
ئەڭ ئاۋال بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان قېرىندىشىم مەيخور(ئابدۇراخمان)غا كۆپتىن كۆپ رەھمەت!!
دېمىسىمۇ ھازىر ئېلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچىققا مەپتۇن بۇلۇپ خۇتۇن باللىرىنى ،ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى دوسىت-يارەنلىرىنى ئۇنتۇپ ئەتىدىن كەچكىچە كۈنىلىرىنى (电子玩城)دا ئۆتكۇزىدىغانلار ھەقىقەتەن كۆپ!
مەن تونۇيدىغان بىر نەچچە سىتودېنىتلارمۇ نۇرغۇن پۇللىرىنى ئۈتتۈرۈپ ئاتا-ئانىسىنى زار-زار قاقشاتقان.ھەتتا ئۇقۇش پۇلىنىمۇ سورۇپ تۈگىتىپ مەكتەپكە قەرز بوپ دېپلوم ئالالماي لالمىدەك يۈرۈپ بىچارە ئاتا-ئانىسنىڭ قېنىنى قان شورىغۇچى قۇرىتتەك شۇراپ ئۇلارنى قاقشىتىپ ،يېنى تېخى ئازراق پۇل تاپسىلا ئۈتتۈرۋەتكەن پۇلىنى قايتۇرۇپ كېلىش نىيتىدە (电子游戏)دىن ئۈمىدىنى ئۈزەلمەي تەمتىرەپ يۈرمەكتە!!
(باغداشلىقلارغا تەكلىپ) ناھايىتى ياخشى يېزىلغان،تەخىرسىز ،چۇقۇم ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسلە!!
بىز ھەممىمىز پۈتۈن كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىپ بۇ تەكلىپنى بارلىق مۇنبەر ،بىلوگلارغا يوللاپ ،بۇلايھەنى سېستىمىلىق ھالدا قانۇنلاشتۇرۇپ ئۇيۇنچىققا بېرىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ نىجىستىن يىراقلاشتۇرايلى!
يازغۇچى،شائىر،سەنئەتكارلار تۇلا يېزىپ ،قاقشاپ قۇللىرى قاپىرىپ ،ئاغزىدىن كۆپۈك يانغۇدەك بۇپكەتتى! ئەمدى بىز پەقەت مۇشۇ تەكلىپنى ھۆكىمىتىمىزگە يوللاپ قانۇنلاشتۇرماقتىن ئۆزگە چارە يوق! ئىشنىمەن ،پەقەت ھەممىمىز بىرلىككە كېلىپ بىر مەقسەتتە تىرىشساقلا ھۆكۈمىتىمىز بۇ ئىشقا چۇقۇم كۆڭۈل بۆلىدۇ!
ئاخىردا بىر تەكلىپىم-يۇقارقى تەكلىپنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ،ئۇيغۇرچە -خەنچە ھالەتتە بارلىق تور ئەھلىنى خەۋەرلەندۈرۈپ جامائەت پىكىرى توپلاپ (بولسا رادىيو-تېلېۋۇزۇرلاردا پۈتۈن ئاممىغا بۇنى تەشۋىق قىلالىساق ئەلۋەتتە بەك ئوبدان بۇلاتتى!)ئاندىن مۇناسەۋەتلىك ئۇرۇنلارغا يوللىساق دەيمەن! |
|