بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بۇرۇن، ۋېبسىت باغداشتا ، ئومۇن ئىسىملىك بۇرادەرنىڭ «كۆيۈۋاتقان بۇغداينىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەققىدە قىسقىچە ئانالىز» ناملىق ئەسەرى نەشىر قىلىندى. بۇگۈن باغداشقا كىرسەم، مەزگۇر ئەسەرنى كۆرگەنلەر 3200 دىن ئاشىپتۇ. ئەسەرگە قاراتا يازىلغان ئىنكاسلارمۇ،170 پارچەگە يەتىپتۇ. دىمەك، ئومۇن بۇرادەرنىڭ بۇ تىماسى خېلى قىزىپتۇ. شۇ ئىنكاسلار ئىچىدە، «توپلام»نىڭ تاجىسى بولغان «كۆيىۋاتقان بۇغداي» ناملىق شىئېرنى ئوقۇدۇم. بۇ شىئېر مۇنداق يازىلغان ئىكەن:
«كۆيىۋاتقان ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ
ﭘﻪﺭھاﺕ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ
ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ھەممىڭلار قاغىغان ، ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﺎ ﻧﯧﺸﺎﻧﺴﯩﺰ ، ﻗﺎﺭﺍﺭﺳﯩﺰ ﺳﻪﺭﮔﻪﺭﺩﺍﻥ . ﺳﯚﻳﮕﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﻗﯩﺴﺎﺳﻜﺎﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ، ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯩﺴﺎﺱ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﺪﻩﻙ . ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﺭﻩﺧﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﻳﻪﻡ ﺋﻮﻳﯘﭖ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﯞﻩ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯚﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ. ﺳﯚﻳﮕﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﯧﯖﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﻪﻟﯟﻩ ﻗﺎﺗﯩﻠﻨﯩﯔ، ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺧﺎﻡ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﺪﻩﻙ. ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺑﯘﻏﺪﺍﻳﻤﻪﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻤﯘ ﺋﻮﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﻏﻼﭖ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﮔﻪﻥ، ﺗﻮﻣﯘﺯﺩﯨﻜﻰ ﻗﻮﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﯨﻤﯘ ﻣﯘﺯﻟﯩﺘﯩﭗ ﺗﯩﺘﺮﻩﺗﻜﻪﻥ. ﺳﯚﻳﮕﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﺧﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ. ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺷﺎﯞﯨﺪﺍ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ . ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺑﯚﺭﯨﻤﻪﻥ ﺳوﻏﯘﻕ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﺭ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺩﺍﺧﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ. ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺋﻪﭘﺴﯘﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ، ھاۋا ، ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ، ﯞﻩ ﺳﯘﻏﺎ. ﺳﯚﻳﮕﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯜﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻱ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﺰﯨﻘﺘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﭗ ھەﻣﻪﻝ ﺑﯘﺭﺟﯩﺪﺍ، ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ، ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﻪﺭﺩﻩﻙ .»
1-ئومۇن بۇرادەرنىڭ «ئەسەرگە» بەرگەن باھاسى
ئومۇن بۇرادەر، ئۆز ئەسەرىدە، «كۆيىۋاتقان بۇغداي» ناملىق شىئېرلار توپلامىغا ناھايىتى يوقۇرى باھا بەرگەن. ئۇ مۇنداق يازغان: «يېقىندا خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تەييارلانغان «كۆيۈۋاتقان بۇغداي» ناملىق ئۇيغۇر ئاۋانگارت شائىرلىرىنىڭ كوللېكتىپ توپلىمى نەشردىن چىقتى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى يېڭىلىققا ۋە ئەركىنلىككە تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر يېڭى زامان ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە دەپ ئويلايمەن».
« شېئىرلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئەسلى نۇسخىسىدىن خەۋەردار بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ كىتابتىكى شېئىرلارنىڭ پەقەت ئەدەبىيات نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، تىل ۋە پەلسەپە نۇقتىسىدىنمۇ كۆپ قاتلاملىققا ۋە يېڭىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتالايمەن. »
« كۆيۈۋاتقان بۇغداي ناملىق كىتابنىڭ ئەڭ يارقىن ئالاھىدىلىكى دەل يېڭى زامان شېئىر ئىزاھاتلىرىنى چىقىش قىلغانلىقىدىدۇر. كۆيۈۋاتقان بۇغداينىڭ شېئىر ئىزاھاتى كىلاسسىك شېئىر تەبىرلىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئابستراكت، چوڭقۇر ۋە كەڭ. مۇشۇ خۇسۇسىيىتى بىلەن ئۇيغۇر يېڭى زامان ئەدەبىياتىغا سۇنۇلغان تارىخى خاراكتېرلىك ئەمگەك ھېسابلىنىدۇ.»
««كۆيۈۋاتقان بۇغداي» نىڭ شېئىر شەكلىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا تىلدۇر.ئاھاڭ شەكلىگە ئەمەس، شېئىردىكى تىل قوللىنىش ماھارىتىگە، ئىماگ ۋە سىمۇۋۇللارنىڭ جانلىقلىقى ۋە يېڭىلىقىغا بېرىلگەن ئەھمىيەت «كۆيۈۋاتقان بۇغداي» نىڭ ئەڭ جەلپكار نۇقتىسىدۇر.»
«كۆيۈۋاتقان بۇغدايدىكى شېئىرلارنىڭ مەزمۇن يۆنىلىشى دىداتىكلىقتىن، ئىجتىمائىي بىر تەرەپلىمىلىكتىن ۋە كوچا چۈشەنچىلىرىدىن خالى. ئەسەرلەرنىڭ سەنئەت خۇسۇسىيىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش بىلەن بىرلىكتە ئۆزىگە ئابستراكت ۋە دۇنياۋى مەزمۇنلارنى تاللىغان. كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق، ئىنسانلارنىڭ ئازاب ۋە مۇھەببەت ئالدىدىكى تۇيغۇ تەۋرىنىشى، بارلىق ۋە يوقلۇق، ئىنسانلارنىڭ روھىيىتىدىكى چوڭقۇر چۈشەنچىلەر ۋە ھېسلار، تىل ۋە مەۋجۇدىيەت ھەققىدىكى ئۆزگىچە دۇنيا قاراشلار، شائىرانە ھېسلار گۈزەل تىل ۋە ئىپادىلەش سەنئىتى ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن. كۆيۈۋاتقان بۇغداينىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرسى دەل دۇنياۋى مەزمۇنلار ئۈستىدىكى ئۆزگىچە دۇنيا قاراش ۋە شائىرانە تۇيغۇلاردىن ئىبارەت. »
2-ئەسەر توغرىسىدا مۇلاھىزە
ئومۇن بۇرادەر ئۆرنەك دەپ مەدھىلەگەن «كۆيىۋاتقان بۇغداي» ناملىق شىئېرلار توپلامىنى مەن كۆرمەدىم. پەقەتلا ئومۇن بۇرادەر بەرگەن ئۇچۇردىن شۇنداق بىر شىئېرلار توپلامىنىڭ نەشىردىن چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. شۇ شىئېرلار توپلامى ئىچىدە، «كۆيىۋاتقان بۇغداي» ناملىق شىئېرنىڭ بارلىقىنى، جەسۇرى بۇرادەرنىڭ ئىنكاسىدىن بىلدىم. دىمەك، «شىئېرلار توپلامى»نىڭ نامى، «كۆيىۋاتقان بۇغداي» دەپ قويۇلغانلىقىغا قاراپ، جەسۇرى بۇرادەر باغداشتا يوللاپ قويغان مەزگۇر شىئېر، «توپلامنىڭ» تاجىسى ئىكەن دەپ قارادىم. زىيا ئەپەندىنىڭ يوللاپ بەرگەن خەنزۇچە نۇسخاسىنى كۆردۈم. خەنزۇچە نۇسخاسى، ئۇيغۇرچەگە قاراغاندا ياخشى چىققان دەپ ھېساپلىدىم. خەنزۇچەدە، بۇغداي ئەمەس، «باشاق» دىيىلگەن. بۇغداي بىلەن باشاقنىڭ ئىستىمال مەناسىدا چوڭ پەرق بار.
3-«كۆيىۋاتقان بۇغداي» غا بولغان پوزىتسىيەم
مەن «شىئېرلار توپلام»ىنىڭ نەشىردى چىققانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. «توپلامنىڭ ئاپتورلارىغا ۋە تەرجىمانلارىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن. مەيلى «توپلام» قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، كىشى ئەمگەكلەرى ھۆرمەتلىنىشى كېرەك. ھەر كىمنىڭ ئەسەر يازىشىنى قوللاشىمىز كېرەك. پىكىرلەرىمىز بولسا، ئاپتورنىڭ شەخسىيەتىگە ئەمەس، ئەسەرىگە قاراتىش كېرەك. مۇشۇ نوقتادىن، «كۆيىۋاتقان بۇغداي»نىڭ دىگەن گەپلەرىگە مۇلاھىزە ئالىپ باردىم.
4- شىئېردىكى مىسرالارغا مۇلاھىزە
« ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ھەممىڭلار قاغىغان ، ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﺘﺎ ﻧﯧﺸﺎﻧﺴﯩﺰ ، ﻗﺎﺭﺍﺭﺳﯩﺰ ﺳﻪﺭﮔﻪﺭﺩﺍﻥ .»
بۇ 4 مىسرادا 4 يالغانچىلىق ۋايىغا يەتكەن دەپ قارايمەن.
قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز، خۇددى قۇياش، زىمىن، ئاي ۋە باشقا يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئالەمدىكى بىر پلانىت. بۇلارنى ئەنئەنەۋى چۈشەنچەدە ئاللاھ ياراتقان دەپ قارالىدۇ، ئەمما قانداق ياراتقانلىقى نامەلۇم.. قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزدا تەپەككۇر يوق. ئۇ، بەلگىلەنگەن چەمبەر ئىچىدە، شەكىلدە دەۋىر سۈرىدۇ. ئۇ، ئۆز يولىدا كەتىۋاتسا، كىم نىمە سەۋەپتىن ئۇنى قاغايدۇ؟ ئىنسان تارىخىدا بۇ ئالەم پلانىتلارىنى كىم قاغاپ باققان ؟ بۇ بىرىنچى يالغان.
ئاسترونومىيەدە، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ 3 خىل ئوربىتاسى بار دەپ قارالغان تۇرسا، نىمەگە ئاساسەن ئۇنىڭ ئوربىتاسى يوق دەپ ئايتقان؟ بۇ ئىككىنچى يالغان.
قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ 3 خىل ئوربىتاسى بار ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇ، نىشانسىز، قارارسىز ئەمەس. قانداق دەلىل ئىسپاتقا ئاساسەن، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنى نىشانسىز، قارارسىز ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قاراغان؟ بۇ ئۈچىنچى يالغان.
ئەنئەنىۋى قاراشتا، ئاللا «ئادەمنى» لايدىن قونچاق ياساپ، «ۋۇجۇدقا كەل» دەپ جان كىرگۈزگەن مەخلۇق. ئۇنىڭغا تەپەككۇر ئاتاقىلىنغان.شۇڭا، ئادەم، ھەرگىزمۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ئەمەس ھەم مەڭگۇ شۇنداق بولالمايدۇ. بۇ تۆتىنچى يالغان.
«ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﺭﻩﺧﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﻳﻪﻡ ﺋﻮﻳﯘﭖ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﯞﻩ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯚﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ».
بۇ مىسرادا، ئادەم ئەمدى، دەرەخكە چۈشۈرۈلگەن سايەسى ئۇيۇلۇپ ئۆلدى. ئۇيغۇرلاردا ئادەم سايىسىنى تامغا، چوڭ دەرەخكە سۇ، رەڭ ۋە نۇر بىلەن سىزىپ چىقىرىپ ئۇيۇن ئويناپ كۆڭۈل ئاچادىغان ئادەت بار. ئەمما، سايەسى چۈشۈرۈلگەن كىشىنى «ئۆلدى» دەپ قارامايدۇ. «شىېردىكى كىشى» كىم؟، نىمە سەۋەپتىن ئۆلدى؟
«مەن ئاشۇ بۇغدايمەن جەننەتمۇ ئوت بىلەن داغلاپ كۆيدۈرگەن، تومۇزدىكى قۇياش نۇرىمۇ مۇزلىتىپ تىتىرەتكەن».
بۇ مىسرادا، ئەمدى ئادەم ئۆزىنى بۇغدايغا ئوخشاتقان. ئەنئەنەۋى قاراشلاردا، ئاللاھ ئادەمنى زىمىندىكى ئەڭ ئالى ئورۇنغا قويغان. يەنى ئادەم، ئاللاھدىن قالسىلا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇدۇ. بارلىق پەرىشتەلەر، ئىبلىس، جىن، شەيتانلارنى، ئادەمگە سەجدە قىلىش بۇيرۇلغان. «شىئېر»دا، نىمە ئۈچۈن سەۋەپسىزلا ئادەم ئۆزىنى بوغدايغا ئوخشاتىدۇ؟
بۇغداي، ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئۇلۇغ شەيئى. ياكى، كۆچمە مەنادا بىر خۇدادۇر. ئۇ، كىم تەرەپىدىن ھەم نىمە سەۋەپتىن داغلاپ كۆيدۈرۈلدى؟ مەقسەدى نىمە؟
جەننەت، كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىدا مەڭگۇ تەلپۈنىدىغان بىر جاي، ئەمما ئۇنى كۆيىۋاتقان ئوت دەپ «دوزاخقا» ئوخشاتقان. قۇياشنىڭ نۇرى ۋە ھارارىتى جانىۋار-تەبىئەتكە، ئىنسانغا تېپىلغۇسىز ماددى ھەم مەنەۋى ئوزۇق ئاتا قىلغان. ئەمما شىئېردا «مۇزلاتىپ تىترەتكەن» دەپ تەسۋىرلىگەن. بۇلار نىمەدىن دېرەك بەرىدۇ؟. بۇ شىئېرنى كىم يازىۋاتىدۇ؟ بۇ ئاللاھدىن نارازى بولغان، جەننەتتىن قوغلانغان شەيتان ئايتىدىغان شىئېرغۇ؟
«ﺧﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ. ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺷﺎﯞﯨﺪﺍ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ».
بۇ مىسرادا دەيىلگەن «خارلىنىش كىسىلى» دىگەن قانداق كىسەل؟ ئۇنىڭ تەبىرى نىمە؟، ئالامەتى نىمە؟
«ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺑﯚﺭﯨﻤﻪﻥ ﺳوﻏﯘﻕ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﺭ ﺋﯘﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺩﺍﺧﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ. ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺋﻪﭘﺴﯘﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ، ھاۋا ، ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ، ﯞﻩ ﺳﯘﻏﺎ.»
بۇ مىسرادا، ئادەم ئەمدى ئۆزىنى بۆرىگە ئوخشاتقان. «داخان» دىگەن كىم؟ ئۇ بۆرىنى سۆڭەككە ئايلاندۇرۇپ، تۇپراق، ھاۋا، يالقۇن ۋە سۇغا سىڭدۈرۋىتىدىغان خۇدا شۇمۇ؟
شىئېر شەكىلىنىڭ چىكى يوق. ئۇ بىر ئەركىن دۇنيا. شىئر، ئادەمنىڭ تەپەككۇرى ئۈچۈن يارالغان. ئەمما، ئۇنىڭ شەكلى بىلەن مەزمۇنى كىشىلەرگە مەنەۋى ئوزۇق ئاتا قىلغاندا ، ئىشلەتكەن سۆزلەرى ئانىق، ئىخچام بولغاندا ئۇ نەمۇنە شىئېر بولالايدۇ. «كۆيىۋاتقان بۇغداي» ناملىق تىمادا مەنتىقەسىز ئامىل مەۋجۇد. شىئېر مەلۇم شائىرنىڭ ھېسياتىدىن كەلىدۇ. ئۇنىڭدا، مۇبالىغە قىلىش، كۆپتۈرۈش، ئاشۇرۇش ئۇسولى قوللانىلغان بولۇدۇ. «شىئېردا»، ئادەم، ئالەمدىكى بارلىق شەيئىنىڭ ۋەكىللەرىگە ئوخشاتىلغان. بىردەم نىشانسىز، قارارسىز قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز، بىردەم، كۆيىۋاتقان بۇغداي، بىردەم بۆرە، بىردەم سايەسى ئويۇپ ئالىنغان ئادەم بولۇپ، ئۆزگەرگەن. پەقەتلا ھەقىقى بىر ئادەم ئىكەنلىكى تىلغا ئالىنماغان. ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. ئادەم بولۇشنى خالىمامدۇ يە؟
ئۇنداقمىكىن دىسە، 4 يەردە، «مىنى سۆيگىن» دەپ يازىپتۇ. سۆيگەندىمۇ، ئالەمدىكى مۆجىزەلەردە كۆرۈلۈپ باقماغان مۆجىزە ياراتىپ سۆي دەپتۇ. توغرا بىز ئالدى بىلەن ئادەمنى سۆيۈشىمىز كېرەك. ئۇنى سۆيسەك، باشقا شەيئىلەرنىمۇ سۆيەلەيمىز. ئەمما، ئادەم ئۆزىنىڭ سالاھىيەتىنى يۇقاتقاندا، سۆيۈلۈشتىن سۆز ئاچقالى بولامدۇ؟ بىزنىڭ مەۋقەيىمىز نىمە؟
دۇنيادا ھەر قانداق دىن ۋە پەن ئەركىنلىك بىلەن گۈزەللىكنى چەكلىگەنى يوق. پەقەتلا ئۇنىڭغا بىر دائىرەسىنى بەكىتىپ قويغان. بۇ ئىنسانغا يەتەرلىك. بۇنىڭدىن ھالقىش پەقەتلا شەيتاننىڭ ئىشىدىن ئىبارەت.
ئۇيغۇرنىڭ ئەنئەنەۋى شىئېر تارىخىدا نەمۇنە ئەسەرلەر كۆپ. تىما ئاستىدا، شىئېر مۇخەممەسمۇ، غەزەلمۇ، رۇبائىمۇ ئانىق يازىلغان. زۆرۆر بولغان ئىزاھاتلارى بار. ئوخشاتىش، كۆپتۈرۈش، مۇبالىغە قىلىشلار ئەقىلغا مۇۋاپىق، يالغانچىلىق، مەنتىقەسىزلىقتىن خالى. سەنئەتلىكى ماسلاشقان، پەلىسەپەلىك پىكىرى يارقىن، ئىزچىللىقى يوقارى. مۇقاملارىمىز، خەلق ناخشالارى بۇلارغا ئەڭ كۈچلۈك دەلىل ئىسپات.
پەرەزىمچە، «كۆيىۋاتقان بۇغداي»نى ئۇيغۇردىن ھېچكىم نوتىغا ئالالمايدۇ، سەھنەدە ناخشا قىلىپ ئايتالمايدۇ. ھەتتا دېكلاماتسىيە قىلىشقامۇ يارامايدۇ. نىمەنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى بىلگەلى بولمايدۇ.
مەن ئەدەبىيات بىلەن شوغۇللانماغان بىر ئاددى ھەۋەسكار. ئومۇمەن ئالغاندا، «شىئېر»دىن مەن ھېچقانداق زۇق ئالالمادىم.ئۇنىڭ مەزمۇنى چېچىلاڭغۇ، يالغانچىلىق، مەنتىقەسىز، قارارسىز، چۈشۈنۈكسىز، ئەقىدەسىز سۆزلەر بىلەن پۈتكەن. رىياللىقى، سەنئەتلىكى، پەلىسەپەلىكىدىن ئەسەرمۇ يوق. بەزى سۆزلەرگە ھېچقانداق ئىزاھات بەرىلمەگەن.
دىمەك، «كۆيىۋاتقان بۇغداي»، بىزگە نەمۇنە بولالماغىدەك. ئۇ ۋاقتىدا ئۆچمەسە، ئاقىۋەتتە شائىرنىڭ ئەقلىنى كۆيدۈرۋىتىدىغان ئوخشايدۇ. ئۇنى ئۆچۈرەمدۇق ياكى مەيلىگە قۇيۇۋىتەمدۇق؟ مەنىڭچە بولغاندا، ئۆچىرەيلى. دۇنيادا بۇغدايدەك ئۇلۇق نەرسەنىڭ كۆيۈشىنى ئەمەس بەلكى ھېچنىمەنىڭ كۆيمەسلىكى ئۈچۈن تىرىشىش، ئىزدەنىش ئادەمنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.
|