- تىزىملاتقان
- 2013-9-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-12-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6905
- نادىر
- 0
- يازما
- 512
ئۆسۈش
38.1%
|
قاسىم سىدىق ئەپەندى ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ياخشى ئېيتىپ ئۆتۈپتۇ. مېنىڭچە ئېنكاسچىلار يۇقىرىدا ئېيتىلغان نۇقتىلار بويىچە شېئىرنى قايتىدىن بىر تەھلىل قىلىپ باقسا بولىدۇ. ئەمەليەتتە شېئىردىكى ئىشلىتىلگەن سۆزلەر پەقەت شائىرنىڭ ھېس تۇيغۇسى، ئىدىئال دۇنياسىنى ئوقۇرمەنگە يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقان ئوبرازلاردىن باشقا نەرسە ئەمەس. يەنى شېئىردا كۆيىۋاتقان بۇغداي دېسىمۇ كۆيىۋاتقان دەرەخ دېسىمۇ بۇ شۇ شەيئىنىڭ نەق ئۆزىنى ئەمەس شائىرنىڭ ئوي خىيالىنى ئىپادىلەۋاتقان بىر ۋاستە بولىدۇ . شۇڭا ئادەتتىكى گەپ بىلەن شېئىرنىڭ بايان قىلىش ئۇسۇلىدا پەرق بار. خۇددى يۇقارقى بىر تورداش مىسال كەلتۈرگەندەك شېئىرىدا مەينى يازغان نەۋائىنى مەيخور دەپ ئېيتقىلى بولمىغاندەك . ئەلۋەتتە يۇقارقى توپلامدىكى ھەممە شېئىرلارنى مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئۇ شېئىرلاردىن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى يېڭى ئىستىتىك قاراشلار ۋە يېڭىچە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنىڭ تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. |
|